«ئۇيغۇر» نامىنىڭ قوللىنىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى (2)

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىنى «شىنجاڭ» ياكى ئاپتونوم رايون دەپ قىسقارتىپ ياكى ئىخچاملاپ ئىشلىتىشكە سەۋەب كۆرسەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر نامىنى چىقىرىۋېتىشنىڭ ئۇقۇم خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ «بۇ پەقەت ئىخچاملاش، قۇلايلاشتۇرۇش ئېھتىياجىدىن» دەپلا قۇتۇلماقتا.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۇرپان بۇيلۇقتىكى مەلۇم بىر رايوننىڭ ئىسمى ھەتتا ئۇيغۇرچىدىمۇ يېزىلمىغان. 2012-يىلى ئاۋغۇست، تۇرپان.
تۇرپان بۇيلۇقتىكى مەلۇم بىر رايوننىڭ ئىسمى ھەتتا ئۇيغۇرچىدىمۇ يېزىلمىغان. 2012-يىلى ئاۋغۇست، تۇرپان.
RFA

بۇنىڭغا تەنقىد يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر زىيالىيلار، بۇنى خىتاينىڭ «ئۇيغۇر» نى يوقىتىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر ئىپادىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر نامىنى توغرا يېزىش، توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە توغرا قوللىنىش، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك قانۇنلۇق تەشەببۇس دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، نۆۋەتتە ئەمەلىي ئىستېمالدا ياكى تەلەپپۇزدا ئۇيغۇر سۆزىنى چىقىرىۋېتىپ شىنجاڭ دەپ ئاتاش پەرۋاسىز قارىغۇدەك كۈندىلىك تىل- ئالاقە ئىستېمالىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئاندا- مۇندا ھادىسە بولماستىن، دائىرىلەر تەرىپىدىن مەمۇرىيەتتىمۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كەڭ قوللىنىلىۋاتقان، خېلى زور ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلىنىۋاتقان شۇنداقلا مۇھىم ھۆججەت ۋە دوكلات خاراكتېرلىك ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرىدىمۇ بارغانچە غەيرىي رەسمىيلىشىۋاتقان ھادىسە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىدىن «ئۇيغۇر» سۆزىنى چىقىرىپ تاشلاشنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشىغا يول قويۇش بىر تارىخىي گۇناھ دەپ مۇنازىرە قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ گۇناھنى يۇيۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ئېڭىنى ۋە سىياسىي ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلماقتا. چۈنكى بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بار بولغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش-قالالماسلىققا بېرىپ تاقىلىدىغان جىددىي مەسىلە ۋە مەسئۇلىيەتلىك زور بىر ئىش. چۈنكى بۇ جاينىڭ ئىگىسى ئەزەلدىن ئەبەدكە ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئاپتونوم رايون ئۇيغۇرغا بېرىلگەن. ئەگەر «ئۇيغۇر» بولمايدىكەن، بۇ جاينىڭ ئاپتونوم رايون بولۇپ تۇرۇشىنىڭمۇ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق. دېمەك شۇ چاغدا بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقاندەك ئۇ جاي خىتاينىڭ ھەر قانداق بىر ئۆلكىسىدىن پەرقى يوق شىنجاڭ ئۆلكىسىگە ئايلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى بۇ ھەقتە داۋام قىلىۋاتقان مۇنازىرىلەردە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە تىل-يېزىق نىزامنامىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەردىن كۆرە،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىنى ئۆز ئالدىغا قىسقارتىش ياكى بىرەر سۆزنى چۈشۈرۈپ قويۇپ ئىخچاملاش ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نامىنى يېڭىلىغانلىق بىلەن باراۋەر بۇ قاراپ تۇرۇپ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن، نىزاملىرىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىق بىلەن باراۋەر.

شۇڭا ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىنى «شىنجاڭ» ياكى ئىگىسى يوق «ئاپتونوم رايون» دەپلا ئاتاشتەك ناكەس ئادەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىل، تەلەپپۇز ساھەسىدىن پاك پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز زۆرۈر دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى «شىنجاڭ» دەپ ئاتاشتىكى مۇددىئاسى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي مەمەت توختى ئەپەندى خىتاي ئىمزا قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسىدىمۇ، ئۆزىنىڭ يەر نامىنى قوغداشنى يەرلىك مىللەتتە بولۇشقا تېگىشلىك يەنى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق بولۇش ھەق-ھوقۇقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئىلمىيلىق ئاساسى كۈچلۈك تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە ئانالىزلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ نامىنى قانداق ئاتىسۇن، مەيلى كىملەرگە مەنسۇپ قىلسۇن، بۇ نۇقتا ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرگىنى ياكى ئۇمىدسىزلەندۈرگىنى يوق. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تەھدىت يارىتىۋاتقان بۇ مەسىلىلەر ئۇلارنىڭ بۇ مۇقەددەس ماكانىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش يولىدىكى تەتقىقات ھەمدە ئىزدىنىشىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت