خىتاي سوت دائىرىلىرىنىڭ سېرىقبۇيا ۋەقەسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىككى نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىك خەۋىرى خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى.
خىتايدىكى مەتبۇئاتلاردا گەرچە بۇ كىشىلەر تېررورچى دەپ تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە سېرىقبۇيا ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى ئوخشىمايدىغان تەرەپلەرنىڭ پىكىرلىرى ۋە شۇنداقلا ۋەقە چىققان يەردىكى يەرلىك كىشىلەردىن ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بايان قىلغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تېررورچى سۆزىنى ئىشلەتمىگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 12 - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 23 - ئاپرېل مارالبېشىدا يۈز بەرگەن «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» ئۈستىدە سوت ئېچىپ، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىن 5 كىشىنىڭ 2 سىگە ئۆلۈم جازاسى، بىر كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە يەنە ئىككىسىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 9 ۋە 9 يېرىم يىللىق قاماق جازالىرى ھۆكۈم قىلغان ئىدى. سوت دائىرىلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مۇسا ھەسەن ۋە راخمان غوپۇرنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ بومبا ياساش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسا، قالغانلارنى تېررور تەشكىلاتىغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
مەزكۇر خەۋەر خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلدى. ئەمما بۇ مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە دىققەت تارتىدىغىنى، ئۇلار گەرچە خەۋەردە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنى خەۋەر مەنبەسى قىلىپ ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن پەرقلىق ھالدا جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى تېررورچى دەپ ئاتىمىغان. خىتايچە خەۋەرلەردىكى سۆزلەرنى نەقىل قىلىپ ئالغاندا بولسا تېررورچى ۋە تېررور تەشكىلاتى قاتارلىق سۆزلەرنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ تۇرۇپ بەرگەن.
مەسىلەن، مەزكۇر خەۋەر نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاگېنتلىقلاردا «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۇجۇمدا 5 ئۇيغۇرغا جازا ھۆكۈم قىلىندى»، «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەدە ئىككى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى» قاتارلىق تېمىلاردا خەۋەر قىلىندى. بۇ خەۋەرلەردە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن پەرقلىق ھالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى بايانلىرىغا يەر بېرىلگەن. 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا بازىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا جەمئىي 21 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. خىتاي سوتى ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنى تېررور تەشكىلاتى قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان دېيىش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ «ئالدىن پىلانلانغان زوۋراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان :
- خىتاينىڭ تەڭرىتاغ خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋەقەنى تېررور ۋەقەسى دەپ ئاتىغان... ئەمما رايوندا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ كونتروللۇقىغا ۋە توختىماي كۆپىيىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلارغا نىسبەتەن نارازىلىق ئىنتايىن يۇقىرى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا تىنچلىق بىلەن ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ئىپادە قىلىش ئەركىنلىكى بەرمەسلىك شۇنداقلا رايوندا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە تېررور قالپىقى كىيگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى يەنە، خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۆز خەۋەرلىرىدە بۇ كىشىلەرنى «جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى» دەپ يازغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سوتلارغا ئەرز قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچنىمە دىيىلمىگەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن «كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى خىتاي سوتلىرى ئادەتتە ئەرز قىلغۇچىلارغا پايدىلىق ياكى ئەسلى ھۆكۈمىنى ئاغدۇرىدىغان قارار چىقارمايدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇلار يەنە ئۆلۈم جازالىرى ۋە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى تېررورلۇق دەپ ئەيىبلەشنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا قوللىنىشتىن ۋاز كەچمەي كېلىۋاتقان باشقۇرۇش ئۇسۇلى، دېگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تۈزۈمى ۋە دىنىي بېسىم سىياسىتى رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقى بولسا بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى تېررور ۋەقەسى ۋە بۇ كىشىلەرنى تېررورچى دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىسپاتلاشنىڭ ئىنتايىن قېيىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :
- ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەرنى دەلىللەش ئىنتايىن قېيىن. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ رايونغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ يەرگە بارغان مۇخبىرلار ئېتنىك ۋەقەلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ئۈستىدە ئۇچۇر ئىگىلەۋاتقاندا بولسا، داۋاملىق ھالدا تەھدىتكە ۋە ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ ب ب س نىڭ مۇخبىرلىرى ئەينى چاغدا ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداننى زىيارەت قىلىپ، ۋەقەنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر يىغىۋاتقاندا ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن ئەپ كېتىلگەن ۋە كېيىن دەرھال رايوندىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغان ئىدى.
ب ب س ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە يەنە، خىتاي سوت دائىرىلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مۇسا ھەسەن ۋە راخمان غوپۇرنى تېررورچى تەشكىلات قۇرغۇچىلار دېگەن بولسىمۇ، ئەينى چاغدا ب ب س مۇخبىرى يەرلىك كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە يەرلىكلەرنىڭ مۇخبىرغا خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ئائىلىنى ساقىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش، ئايالىنىڭ بېشىدىكى ياغلىقنى ئېلىۋېتىشقا مەجبۇرلاپ كەينىگە كىرىۋالغانلىقى،
0:00 / 0:00