1988-يىلى 15-ئىيۇندىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار نامايىشىدىن ئەسلىمىلەر (1)

0:00 / 0:00

1988-يىلى 15-ئىيۇندىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان زور ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ يىل مەزكۇر نامايىشقا توپ-توغرا 29 يىل بولدى.

1980-يىللار ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدا ستۇدېنتلار ھەرىكىتى ئەڭ جانلانغان، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە مىللىي ھەق-ھوقۇقلارغا بولغان تەلىپى ئەڭ كۈچەيگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللىق بۇرۇقتۇملۇقتىن كېيىن پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن مىللىي ئويغىنىشنىڭ ئۇپۇقىنى كۈتۈۋالغان يىللار بولدى.

ئەنە ئاشۇ داۋالغۇپ تۇرغان يىللاردا، يەنى 1988-يىلى 15-ئىيۇندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى. بۇ 1985-يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق زور نامايىشىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئىدى.

ئاشۇ قېتىملىق نامايىشنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنىڭدىن 29 يىل بۇرۇنقى بۇ نامايىشنىڭ 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىكى بىر ئۇنتۇلماس سەھىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، 1988-يىلىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى نامايىشىنىڭ 1985-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىشىنىڭ بىۋاسىتە داۋامى ۋە ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتىكى بىر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن مىللىي ئويغىنىش روھى ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي ھەق-ھوقۇقلارغا بولغان جىددىي تەلەپلىرى ئەمەلىيەتتە 1988-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئاساسلىق ئارقا كۆرۈنۈش ئىكەن.

دولقۇن ئەيسانىڭ تەكىتلىشىچە، ئاشۇ يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان «ستۇدېنتلار پەن-مائارىپ ئۇيۇشمىسى» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ-كۆلەمدە ئاقارتىش ۋە مىللىي ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىكەن.

1988-يىلى 6-ئايدا خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوغۇللار ھاجەتخانىسىغا يېزىلغان ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەيدىغان بىر يازما دەل ئاشۇ قېتىملىق نامايىشقا بىۋاسىتە پىلتا بولغان ئىكەن.

شۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان ۋە نامايىشتىن كېيىن مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىغا ئۇچرىغان، نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇرېشىت ئابدۇكېرىم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.

ئۇ نامايىشقا پىلتا بولغان كونكرېت سەۋەبلەر ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغانلىقىدەك بىر قاتار جەريانلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرېتارى جانابىلنىڭ ئىنتايىن قوپال مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسىلىنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاخىرى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

(داۋامى بار)