خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؟

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىنى توسۇپ ئۇلارغا پاسپورت ئىشلەپ بېرىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ قالماي، چەتئەلگە چىقىپ كەتكۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاۋارىچىلىك كەلتۈرمەكتە.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدە، ئىنسانلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ۋە دۆلىتىدىن سىرتقا ئەركىن يۆتكىلىش ھوقۇقى بارلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بۇ خىل ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولالماي كەلمەكتە. قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن كاناداغا ئوقۇشقا كەلگەن خانزىرە ئەنە شۇ ئۇيغۇرلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ، بۇ ھەقتە رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىدىن نېمە ئۈچۈن قورقىدۇ؟ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خانزىرەنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدا نەزەربەند قىلىشتىكى سىياسىي مەقسىتى ئۈستىدە توختالدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.