ئۇيغۇر ئېلىدا پىچاق ۋە قىڭراق تىپىدىكى تىغلىق سايمانلارغا قويۇلغان چەكلىمە داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00


ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر، بازارلاردا دائىرىلەرنىڭ پىچاق، قىڭراق، پالتا - كەركە قاتارلىق ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تىغلىق سايمانلارغا بولغان چەكلىمىسىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ جەنۇبىي ئازادلىق يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن مەلۇم بىر كىشىگە بېرىلگەن «قىڭراق سېتىۋېلىش ئىجازەتنامەسى» بۇ نۇقتىنى دەلىللىمەكتە.

مەزكۇر «ئىجازەتنامە» نىڭ ئاستى تەرىپىگە يېزىلغان ئەسكەرتىشتە مۇنداق دېيىلگەن: «بىرىنچى، سېتىۋېلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن تىغلىق سايماننىڭ سانى رەقەم بىلەن ئەمەس، بەلكى خەنزۇچە چوڭ خەت بىلەن ئېنىق يېزىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، مەزكۇر ئىجازەتنامە پەقەت شۇ كۈنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، مەزكۇر ئىجازەتنامە ئىككى نۇسخا يېزىلىپ، ئەسلىسى ساقچىخانىدا ساقلىنىدۇ، كوپىيەسى مال سېتىۋالغۇچىغا بېرىلىدۇ.»

«ئىجازەتنامە» نىڭ ئاخىرىدا يەنە قىڭراق سېتىۋالغۇچىنىڭ «شېڭفا ئاشخانا سايمانلىرى مەخسۇس دۇكىنى» دىن سېتىۋېلىشى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر «قىڭراق سېتىۋېلىش ئىجازەتنامەسى» 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەشقەر شەھەرلىك ج. خ ئىدارىسى جەنۇبىي ئازادلىق يولى ساقچىخانىسىدىن كېسىپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قويغۇچى «ئىجازەتنامە» ئالغان كىشىنىڭ ئىسمى، كىملىك نومۇرى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى بويىۋەتكەن.

مەلۇمكى، پىچاق ۋە قىڭراق تۈرىدىكى تىغلىق ئەسۋاپلارنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى بىلەن ئامانلىق خادىملىرىنى قاتتىق تەشۋىشكە سېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىغا تۇركۈملەپ يەرلەشتۈرۈلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى تىغلىق سايمانلاردىن ئېغىر دەرىجىدە خاتىرجەمسىزلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تىغلىق ئەسۋاپلارنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىمەنە تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتىكەن.

يېقىندا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرىدا قاسساپچىلىق قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ناھىيەلىك پارتكوم بۇيرۇق چىقىرىپ ئۇيغۇر قاسساپلارنىڭ بىردەك 15 سانتىمېتىردىن قىسقا پىچاق ئىشلىتىشىنى بەلگىلىگەن. بۇ بەلگىلىمە ھازىر قاراقاش ناھىيە بازىرىدا قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتىكەن.

پىچاق - ئۇيغۇرلار ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان تىغلىق سايمان. تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئەرلىرى يېنىغا پىچاق ئاسىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ بىر تەرەپتىن پىچاقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلىتىلىش قىممىتىنىڭ يوقىرىلىقىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەرلەرنىڭ ئەرلىك جاسارىتىنى نامايەن قىلىدىغان بىر بېزەك بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.

ھالبۇكى، 90 - يىللاردىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پىچاقلىرىغا بولغان كونتروللۇقى ھەسسىلەپ كۈچىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نەپىس ۋە ئەڭ داڭلىق قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ بىرى ھېسابلانغان پىچاقچىلىق كەسپى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ھەتتا خىتاي تاراتقۇلىرى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان دۇنياغا داڭلىق يېڭىسار پىچاقلىقى ۋە ئۇنىڭ سودىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا.

بىر ئۇيغۇر شاھىتنىڭ ئۆتكەن يىلى يەكەن بازىرىدا كۆرگەن بىر ئېچىنىشلىق ھېكايىسى بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ دەلىللەيدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرى يەكەن بازىرىدىكى بىر سامسىپەز قولىدىكى پىياز توغراۋاتقان قىڭرىقى بىلەن سامسىخانىدىن ئىككى قەدەم سىرتقا چىقىشىغا ئېتىپ تاشلانغان. بۇ ئەھۋال خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى تىغلىق سايمانلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.