«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» قايتا تونۇشتۇرۇلدى
2019.01.18
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسىنى قايتا تونۇشتۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىليونلىغان مۇسۇلمان خەلقلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ئىزچىل شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى-2019» دەپ ئاتالغان قانۇن لايىھىسى 17-يانۋار ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى ماركو رۇبىئو ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت قاتارلىق ۋەكىللەر تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا تونۇشتۇرۇلدى.
قانۇن لايىھىسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەشكە ھەمدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «سىياسىي قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى دەرھال تاقاشقا چاقىرىشقا دەۋەت قىلىندى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىئو قانۇن لايىھىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئەمدى ھەرىكەت قىلىدىغان پەيت كەلگەن» لىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق خەلقلەر قامالغان ‹سىياسىي قاياقتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى› قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە بەلكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردە مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەلەمدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.»
لايىھەدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلات تەييارلىغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ ئاتالمىش «قاياقتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دا جىددىي ۋە چەكلىمىسىز ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىگە قارىتىلغان چاقىرىقلارنى قوللايدىغان بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشقا دەۋەت قىلىنغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسى خىتاينىڭ 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىۋېلىش قىلمىشلىرىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا يول ئاچىدىكەن.
بوم مەنەدەز مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن تونۇشتۇرغان ۋەكىللەرنىڭ بىرى.
ئۇ قانۇن لايىھىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىزچىل ۋە يىرگىنچلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر شارائىتتا، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا نىسبەتەن دۆلىتىمىزنىڭ قىممەت قارىشى ئەكس ئېتىدىغان بىر روشەن ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىشى كېرەك. بۇ قانۇن بىزنىڭ خىتاي بىلەن يېڭى دەۋرىدە ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتكە چۈشكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ دەلىلى.»
لايىھەدە يەنە ئامېرىكانىڭ ب د ت ۋەكىللىرىگە ب د ت دىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خىتايدىكى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، تەن جازاسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشكە يوليورۇق بېرىشكە چاقىرىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قانۇن لايىھىسىدە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا شىنجاڭ ئىشلار ماسلاشتۇرغۇچىسى تەيىنلەشنى ئويلىشىش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «خەلقئارا ماگنېتسكى قانۇنى» نى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاسىتە چېتىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيەسى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارغا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشقا چاقىرىلغان.
لايىھەدە يەنە، «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» نىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە داۋاملىق تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەقدىرلەش قاتارلىق مەزمۇنلار ئالاھىدە تىلغان ئېلىنغان.
كرىستوفېر سىمىت ۋە توماس سۇئوززى قاتارلىقلار مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تەرەپتىن باش بولۇپ تونۇشتۇرغۇچى ۋەكىللەردۇر.
كرىستوفېر سىمىت بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملارنى «دۇنيادىكى ئەڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق رىقابىتى» دەپ ئاتىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ھەم مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت بىر قەبىھ ھەرىكەتنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق جىنايەتلەر سادىر بولۇۋاتقان ئىكەن، بىز قەتئىي سۈكۈتتە تۇرالمايمىز.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى مىليونچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا سالدى. دائىرىلەر ئىلگىرى بۇنداق بىر لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جان-جەھلى بىلەن رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئائىت ئوتتۇرىغا چىققان دەلىل ئىسپاتلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى تۈپەيلى ئۆز مەيدانى ئۆزگەرتكەن ھەمدە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ كەسىپنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز بۇنىڭ يالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىم بۇ قانۇن لايىھىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى. بۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ ۋەتەن ئىچى-تېشىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالغان توماس سۇئوززى مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىي باستۇرۇش ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك جازالاش ئادەمنى ئەنسىرىتىدۇ. شىنجاڭ ئۆلكىسى پۈتۈنلەي ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ بولدى.»
ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئا ق شى ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا قارىشى ئۆز مەۋقەسىنى ئىپادىلىشى ھەمدە بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك».
ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 25 نەپەر ئەزاسى بۇ نۆۋەتلىك قانۇنغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى-2018» ناملىق قانۇن لايىھىسىنى ئۆتكەن يىلى نويابىردا بىر قېتىم تونۇشتۇرغان.
ھالبۇكى، ئۇ لايىھە دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مەجلىس ئەزالىرى قاياقتا سايلاپ چىقىلغانلىقى ئۈچۈن، قانۇن لايىھىسى بىر قىسىم يېڭى شەرھى ۋە مەزمۇنلار قوشۇلۇپ بۇ يىل قايتا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.
بۇ نۆۋەت تونۇشتۇرۇلغان قانۇن لايىھەسىگە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خىتاي ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا سالغان تەھدىتلەر ھەققىدە ئالاقىدار ئورگانلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە، ئامېرىكا دۇنياۋى مېدىيا ئاگېنتلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە قارىتىلغان تەھدىتلەر ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات بېرىپ تۇرۇشقا ۋە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارىشى ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىشقا چاقىرىلغان.
قانۇننىڭ ئىلگىرىكى نۇسخىسىغا ھەر ئىككى پالاتادىن جەمئىي 25 ۋەكىل ئىمزا قويغان بولسا، بۇ نۆۋەتلىك يېڭى نۇسخىسىغا جەمئىي 31 ۋەكىل ئىمزا قويغان.