رابىيە قادىر خانىمنىڭ روزا ھېيتلىق تىلىكى: شېھىت ۋە مەھبۇس ئائىلىلىرى ئۇنتۇلمىسۇن!

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.07.28
rabiye-aliy-kengesh-park-305.jpg رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى مەزگىلىدە. 2011-يىلى ماي، ۋاشىنگتون.
RFA

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ھېيتلىق ئارزۇ ۋە تىلەكلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق روزا ھېيتنىمۇ نەچچىلىگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ۋە ئادالەتسىز سوتلارنىڭ ئارقىسىدىن كۈتۈۋالغانلىقىنى تىلغا ئالغان رابىيە خانىم، ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنى شېھىت ۋە مەھبۇس ئائىلىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، مۇمكىن بولسا ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم بېرىشكە، مۇمكىن بولمىغاندا ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا چاقىردى.

رابىيە خانىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا خىتابەن سۆزىدە ھىجرەت يولىدا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئىگە چىقىشقا ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، خىتايغا قارشى پائالىيەتچىلەر قوشۇنىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىشكە چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.