ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە قارشى چىقتى

0:00 / 0:00


د ئۇ ق، ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى، جەنۇبىي موڭغۇل ئۇچۇر مەركىزى، جۇڭگو پۇقرالاركۈچى قاتارلىق تۆت تەشكىلات پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنىڭ ساھىبخانىلىقىنى يەنە بىر قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، ئۇنى مۇكاپاتلىماسلىققا چاقىردى.

ئۇلار ئوچۇق خېتىدە، «بىزنىڭ خەلقىمىز چېكىۋاتقان ئىزتىراپلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئىتائەت قىلمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز سىلەرنىڭ 2008 - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرەلمىگەنلىكى، ئەركىنلىكنى ياخشىلىيالمىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىپ، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئاساسەن ئەمەل قىلمىغان.

مەركىزى لوندوندىكى ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئالستېر كۇرېي، بېيجىڭغا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېرىش ئۇنىڭغا خاتا سىگنال بېرىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالىستېر كۇرېي مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: «بىز2008 - يىلدىن تارتىپ شۇنى بىلىمىز، بېيجىڭنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقى بىلەن مۇكاپاتلاش خىتاي ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلىمىدى. ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك ھوقۇق 2008 - يىلقىدىن تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى.

ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ قېتىم خىتاينى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن يەنە مۇكاپاتلىسا، خىتاي بۇنى ئۆزىنىڭ تىبەت ۋە خىتايدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈشىگە يېشىل چىراغ ياققانلىق، دەپ قارايدۇ. بۇ، خىتايغا سېنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىڭ ھېچقانداق مەسىلە ئەمەس، ئۇ ئولىمپىك مۇسابىقىنى ساڭا بېرىشكە ھېچقانداق توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، دېگەن خاتا سىگنال بېرىدۇ.»

نۆۋەتتە، 2022 - يىلدىكى قىشلىق ئولىمپىكنىڭ ساھىبخانىلىقىنى تالىشىۋاتقان بارلىق نامزات شەھەرلەر شاللىنىپ، ئالمۇتا بىلەن بېيجىڭ ئىككىسىلا قالدى. لېكىن قازاقىستان خىتايغا ئوخشاشلا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

لېكىن ئالىستېر كۇرېي، قازاقىستاننىڭ ئوخشاشلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق «بېيجىڭنىڭ ساھىبخانىلىقى چوقۇم رەت قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قازاقىستاننىڭ ئوخشاشلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بار. لېكىن بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بېيجىڭ چوقۇم رەت قىلىنىشى كېرەك. قازاقىستانغا بېرىش - بەرمەسلىكنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېت قارار قىلسۇن. بىراق بىز شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىمىز، بېيجىڭنى ئولىمپىك ساھىبخانىلىقى بىلەن مۇكاپاتلاش ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلىمايدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىز، ئۇنىڭغا يەنە ساھىبخانىلىقنى بېرىش كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يەنە بىر ئېھتىماللىق بەلكىم ئالمۇتانىڭ ۋەزىيىتى ساھىبخانلىققا مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ كىچىك دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇسابىقە تېخىمۇ مۇھىم. بىراق بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس. لېكىن بىز كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھېچقانداق ھاكىمىيەتنىڭ ساھىبخانىلىقىنى قوللىمايمىز. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى شۇنىڭغا چاقىرىمىز، بېيجىڭنىڭ كەچمىشى ئىنتايىن ناچار. ئۇنىڭ ئوخشاش خاتالىقنى يەنە سادىر قىلىشىغا ھېچقانداق ئورۇن يوق.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئولىمپىكنى يەنە خىتايغا بېرىش «ئولىمپىك روھىغا خىلاپ»، دەپ كۆرسەتتى.

نۇرمەمەت مۇساباي: «ئولىمپىك تىنچلىق باراۋەرلىك، ئادالەتنى ئاساس قىلغان تىنچلىق سىمۋولى. ئۇيغۇرنىڭ يۇرتىدا ئۇيغۇرغا نىسبەتەن تىنچلىق ياكى باراۋەرلىك يوق. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارغا ئولىمپىكنى بېرىپ، دۇنياغا نامايان قىلىپ بېرىشنىڭ ئۆزى ئولىمپىكنىڭ پرىنسىپىغا خىلاپ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئېتىۋاتسا، تۇتۇۋاتسا، قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەنگە ئېتىۋەتسە، چەتئەلگە قېچىپ چىققانلىرىنى تېخى خىتاي تۇپرىقىغا دەسسىمەي تۇرۇپ، ‹تېررورچى› دەپ قالپاق كىيدۈرۈۋاتسا، ئۇلارنى سوتلاۋاتسا، مۇشۇنداق دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتقان بىر مىللەت تۇرسا ئۇ يەردە، قانداق قىلىپ ئولىمپىك بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئالاقىسى بولىدۇ، ئۇيغۇرغا ئولىمپىك قانداق تېتىيدۇ.

نۇرمەمەت مۇساباي يەنە، ئولىمپىكنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشكە قارىغاندا ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «قازاقىستان خىتايغا قارىغاندا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق نامزات» دېدى.

نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دېدى: بىزگە بېيجىڭدىن ئالما - ئاتا يېقىن. ئالما - ئاتا بىزگە قوشنا. ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلسە بىز ئۇيغۇرلارغا ئەلۋەتتە كۆپ پايدىلىق، دەپ قارايمەن. بۇنىڭ دەسلەپكى پايدىسىنى قازاقىستان ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالساق بىزگىمۇ تېگىدۇ. بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت تەگمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، قازاقىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى خىتايغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ياخشى. قازاقىستاندىكى دېموكراتىيە بولۇپمۇ باشقا مىللەتلەرگە بولۇۋاتقان ئەركىنلىك خىتايغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى. كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ قازاقىستان ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. قازاقىستان ئولىمپىكنى ئېلىشقا خىتايغا قارىغاندا مۇۋاپىق نامزات، دەپ ھېسابلايمەن»

يۇقىرىقى 4 تەشكىلاتنىڭ چاقىرىقىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرغانلىقى، نۇرغۇن ئادۋوكاتنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، «شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلامغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ رامزاندا دىنىي پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىشى چەكلەندى» دېيىلگەن.

ئۇلار ئاخىرىدا يەنە، «بۇ قېتىم خ ئو ك تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، بارلىق خەلقلەرگە خۇسۇسەن، ئىنتايىن مۈشكۈل ھەم خەتەرلىك شارائىتتا كىشىلىك ھوقۇقنى، ئۇنىڭ پرىنسىپلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن قوغداۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خەنزۇ خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلىشى بىر زۆرۈرىيەت» دەپ تەكىتلىگەن.

ئەركىن تىبەت ھەرىكىتىدىكى ئالىستېر كۇرېي، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى بۇ قېتىم بېيجىڭغا قىشلىق ئولىمپىك ساھىبخانىلىقىنى بېرىپ، بۇ قېتىم يەنە تەۋەككۈلچىلىك قىلماسلىققا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېت بۇ قېتىم ھەرگىز قىمار ئوينىماسلىقى كېرەك. ئۇ 2001 - يىلى بىر قېتىم تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ ئۇتتۇردى. ئۇلار ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىگە ياردەم قىلغان بولۇپ قالماسلىقى لازىم. بۇنىڭغا ھېچقانداق باھانە يوق. بىزدە بۇرۇنقى تەجرىبە ساۋاقلار تۇرغان يەردە، ئۇلار ئوخشاش خاتالىقنى يەنە سادىر قىلماسلىقى كېرەك.»