9-نويابىر خىتاينىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا باشلانغان كۈنى خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەيبېي شەھىرىدىكى توپ تارقىتىش بازىرى ۋە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتتا ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بىلەن خىتاينىڭ بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر بوشۈن تورى ۋە سىننا تورىدا سۈرەتلىرى بىلەن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ توقۇنۇشلار ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن بوشۈن تورى 9-نويابىر كۈنى تۇنجى بولۇپ، ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەيبېي شەھىرى توپ تارقىتىش بازىرىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بىلەن خىتاي ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە سۈرەتلىك خەۋەر بەردى. بوشۈن تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 9-نويابىر شەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇەيبېي شەھىرىدە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىمىدىن ئىككىسى ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئون نەچچىسى يارىلانغان. قارشىلىق كۆرسەتكۈچى تۆرت نەپەر ئۇيغۇر ياش خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن، بىر نەپىرى قېچىپ كەتكەن. 9-نويابىر ئوخشاش بىر كۈندە يەنە يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرىدىكى بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇر باققاللىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن سىننا تورىدا 9-نويابىر كېچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ئۈچ پارچە رەسىم بىلەن قوشۇپ خەۋەر قىلىندى.
خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ۋەقە ھەققىدە قىسقا خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلاردا ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى كۈنگىچە ئەنخۇي ۋە يۈننەندە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ھەققىدە خەۋەر بېرىلمىدى.
بوشۈن تور بېكىتىدە رەسىملىرى بىلەن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، رادىئومىز ۋەقە يۈز بەرگەن جايلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاينىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئەنخۇي ۋە يۈننەندە ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىملىرى ۋە بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بەرمىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت 9-نويابىر كۈنى ئەنخۇي ۋە يۈننەندە ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا قۇرۇلتاينىڭ ۋەقە ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوللانغان مىللىي كەمسىتىشىگە جاۋابەن يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى تەكشۈرۈشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
دىلشات رىشىت 11-نويابىر كۈنى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلىمىگە بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى يولسىزلىق بىلەن ھاقارەت قىلغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، توقۇنۇشتا ئىككى نەپەر خىتاي قوراللىق خادىمىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 5-6 نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 9-نويابىر توقۇنۇشىدىن كېيىن 27 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئىككى قېتىملىق توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دىلشات رىشىت يەنە، بۇ قېتىم ئەنخۇي ۋە يۈننەندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تاسادىپىي ۋەقە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، دائىرىلەرنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل باھانىلەردە قاتتتىق تەكشۈرۈشى ۋە خىتاي شەھەرلىرىدىن قوغلىشى ۋە ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك يولىنى ئۈزۈۋېتىشى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل مىللىي كەمسىتىش خاھىشى ئېغىر بولغان سىياسىتىنى مۇشۇ ھالەتتە داۋاملاشتۇرسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىقىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.