يازغۇچى ۋە داڭلىق تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.
رادىيومىز كۆپ قېتىم ئۆمەرجان ھەسەننىڭ ئائىلىسى ئولتۇرۇشلۇق رايوندىكى ساقچىخانا بىلەن ئۇ ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
بۈگۈن بىز يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىگەن ۋە ھەتتا مەزكۇر ئورۇندا مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدە بولغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كۆكەرتىش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي خادىم دەسلەپ ئۆمەرجان ھەسەننىڭ بۇ ئىدارىدە ئىشلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ چەتئەل مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ «بۇ توغرىلىق ھېچنېمە بىلمەيمەن» دەپ تۇرۇۋالدى ھەمدە قوپاللىق بىلەن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
«شۇنداق، بۇ كۆكەرتىش ئىشخانىسى. بىلىمەن، ئۇ بۇ يەردە ئىشلىگەن، سىز كىم بولىسىز؟ نېمە دېدىڭىز؟ ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى! ئۇنداق بولسا نېمىشقا ماڭا تېلېفون قىلىسىز؟ مەن بىلمەيمەن! سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىشىم شەرتمۇ؟ مەن بىلمەيمەن دېدىمغۇ؟ نېمىشقا مەندىن سورايسىز. ئۇ كىشى ياكى مېنىڭ قول ئاستىمدا ئىشلىمىسە!»
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى بىلەن زىيالىيلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.
تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن ئىسىم-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرى ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ يازمىلىرىغا دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر سەزگۈر ماقالىلەرنى دەل ۋاقتىدا ۋە يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ھەققىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر تونۇغان، مىللەتنىڭ رېئال ئەھۋالى بىلەن كۈلپەت-خوشاللىقلىرىغا ھەمدەمدە بولالايدىغان بىر يازغۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يەنە ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا توردا ئېلان قىلغان، كېيىنچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان «ئالىمجان، ساقىلىڭىزغا رەھمەت» ناملىق ماقالىسىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ھەققىدە توختالغىنىدا مۇنداق بىر ۋەقەنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىتاي سېكرېتارى كۇچادىكى مەلۇم بىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە دەرسخانا تېمىغا ئېسىقلىق تۇرغان مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ قالىدۇ-دە، قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، رەسىمنى دەسسەپ-چەيلەيدۇ ھەمدە «ساقاللىق ۋە سەللىلىك بۇ تېررورچى» نىڭ رەسىمىنى كىمنىڭ ئاسقانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ رەسىمدىكى كىشىنىڭ «تېررورچى» ئەمەس، بەلكى 11-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر تىلشۇناسى مەھمۇد كاشىغەرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ۋەقەنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بۇ ۋەقەدىن كېيىن دەرھال «ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ سەللىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ يەنە ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ 1980-يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى قانۇنىي ھۆججەتلەر بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان مەخسۇس بەلگىلىمىلىرىنى توپلاپ چىققانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قارىشىچە، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر خىتايدىكى مەۋجۇت سىستېما يول قويغان دائىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، مۆتىدىل ئېقىمدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلھام توختىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتايدىكى مەۋجۇت سىستېمىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا خىتاي بىلەن باراۋەر ياشاش ئۈمىدىنى بەربات قىلىدىكەن.