روزان رايىف: «شىنجاڭدىكى ساقچى دۆلىتى خىتاي ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان مۇقىملىقنى ئېلىپ كەلمەيدۇ»

0:00 / 0:00

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى روزان رايىف چارشەنبە كۈنى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋەكىللىك قىلغان مۆتىدىل پىكىر-ئېقىملارنى باستۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

روزان رايىفسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ قاتتىق قول ئامانلىق سىياسەتلىرىنى سىنايدىغان سىناق مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ «مۆتىدىل پىكىرلەر باستۇرۇلغان شىنجاڭدىكى ساقچى دۆلىتى خىتاي ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان مۇقىملىق ئەمەس» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، «مەلۇم مىللەتنى نىشانلىق ئەيىبلەش ۋە مۆتىدىل پىكىر ئېقىملارنى باستۇرۇش دۆلەتنى ھېچقاچان تىنچلىققا ئېلىپ بارمايدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.

بۇ ھەپتە ئىلھام توختىنىڭ 2014‏-يىلى 15‏-يانۋار قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 9‏-ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا نەق 4 يىل بولدى. «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتايدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر سابىق دوتسېنتى، تور بېتى قۇرۇپ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا دىئالوگ ۋە چۈشەنچىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۆتىدىل پىكىر-ئېقىملارنىڭ «ۋەكىل خاراكتېرلىك ئادىمى» دەپ قارىلىپ، بۇ خىل مۆتىدىل پىكىر-ئېقىملارنى باستۇرۇش ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىققا ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى دوكتور سوفىيە رېچاردسون چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىدەك مۆتىدىل پىكىردىكى كىشىلەر تۈرمىگە تاشلانسا، ئۇنىڭ ھازىرقىدەك ناچار ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سوفىيە رېچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر پروفېسسور توختى ئەركىن بولغان بولسا، يېقىنقى 4 يىلنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا بىرنېمە دېمەك مۈشكۈل. بىراق مېنىڭچە بىز شۇ نەرسىنى راھەتلىك بىلەن ئېيتالايمىز، ئەگەر ئۇ مۇشۇ 4 يىلدا ئەركىن بولغان بولسا، ئۇ خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە قېقىلىشى، باستۇرۇلۇشى ۋە گىراژدانلىق ھەقلىرىدىن قانداق مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى مەسىلىسىدە نوپۇزلۇق ئاۋازغا ئايلىناتتى. شۇنداقلا ئۇ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى خىتاي ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ئاساسەن قانداق تىنچ ھەل قىلىش توغرىسىدا ئەقىلگە مۇۋاپىق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولاتتى. مېنىڭچە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق ناچارلىشىپ كېتىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. مانا بۇ مۆتىدىل پىكىرلەرگە قۇلاق سالماي ئۇنى باستۇرسا نېمە بولىدىغانلىقىنىڭ مىسالى.»

دوكتور رېچاردسوننىڭ كۆرسىتىشىچە، ھۆكۈمەت مۆتىدىل پىكىر-ئېقىملىرىنى باستۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز دەرد-ئەھۋالىنى ئېيتىش قاناللىرىنى تاقىۋەتسە، بۇ بەزى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى رادىكال ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىكەن.

رېچاردسون: «كىشىلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان شەرت-شارائىتقا ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. بىراق شۇ نەرسە ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر مەنتەقە، ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئۆز پىكىرىنى تىنچ ئىپادىلىشىگە يول قويۇلمىسا ياكى ئۇلاردا ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈپ ھەق-ھوقۇقى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ئۈمىد يوق، دەپ قارىغاندا بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا رادىكال ۋاسىتىلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تېخىمۇ رادىكاللاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغان ئىدى. روزان رايىفنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوبزورچىلار بۇرۇنلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھازىرقى سىياسىتىنى پەرەز قىلىشقان. ئۇ ماقالىسىدە ئوبزورچىلارنىڭ پەرىزى توغرا بولۇپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىر ھەقىقىي بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلانغانلىقى» نى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش نىشانى جىنايەت سادىر قىلغۇچى كونكرېت شەخسكە قارىتىلىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ نىشانى بىر پۈتۈن مىللەتكە ياكى دىنىي گۇرۇھلارغا قارىتىلغان.

روزان رايىف ماقالىسىدە، ئىلھام توختىنىڭ بۇنداق قىلىشقا قارشى تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ، «ئىلھام توختى ۋەتىنىنىڭ قالايمىقانچىلىق ۋە بۆلۈنۈشكە پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنى مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىق ئىچىدە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئاتىغان.» دېگەن. ئۇ يەنە، ئىلھامنىڭ «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ۋە يۈكىمىز ئاۋازىمىزنى ئەقىللىق ۋە ئىجابىي ئورۇنغا ئىشلىتىپ، ئىدېئولوگىيەدىكى رادىكال پىكىرلەرگە قارشى رىقابەت قىلىش» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھالبۇكى ئۇنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىغا زەربە بېرىشتىكى سەۋەبى ئۇنىڭ «ئەقىلگە مۇۋاپىق»، «مۆتىدىل» تەشەببۇسىنىڭ كەڭ خىتاي خەلقى ئارىسىدا قوللاشقا ئېرىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» نىڭ باش مەسلىھەتچىسى، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىدەك مۆتىدىل پىكىردىكى بىر كىشىگە زەربە بېرىشتىكى سەۋەبى، ئىلھامنىڭ تەشەببۇسىنىڭ خىتاي زىيالىيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادا تېخىمۇ كەڭ قوللاشقا ئېرىشىپ كېتىشىدىن قورققانلىقىدۇر. ئەگەر نىسبەتەن رادىكالراق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا تاشقى دۇنيانىڭ ئۇنى قوللىشى، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشى ئازراق، دائىرىلەرنىڭ ئۇنى يىغىشتۇرۇشى ئاسانراق بولاتتى. بىراق ئىلھام توختىنىڭ پىكىرى مۆتىدىل ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغاچقا ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قوللىشى زور بولدى. گەرچە ئىلھامنىڭ تەشەببۇسى مۆتىدىل بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلى ئۇنى زور تەھدىت، دەپ قاراپ، قاتتىق جازالىدى.»

خۇ پىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۆتىدىل پىكىردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ھەل قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.

خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتى شىنجاڭ مەسىلىسىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ھەل قىلىش تېخىمۇ مۈشكۈل مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بىز يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى، بولۇپمۇ چېن چۈەنگو شىنجاڭغا كەلگەندىن بېرى ئۇنىڭ قوللانغان ئىنتايىن رەزىل تەدبىرلىرى كومپارتىيەنىڭ ئىنتايىن رادىكال، ئىنتايىن خاتا بىر يولنى تاللىۋالغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ نۇقتىغا ھەر ساھەدىكىلەر بولۇپمۇ خەلقئارا جەمئىيەت ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.»

روزان رايىفنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساقچى دۆلىتى قۇرۇپ، خەلقنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشى، خىتاينىڭ مۇقىملىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا خىزمەت قىلمايدىكەن.

ئۇ، كىشىلەرنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكى قوغدالغان، پۇقرالار قولغا ئېلىنىش ياكى جازالىنىشتىن ھېچقانداق ئەندىشە قىلمايدىغان، ئۆزىنىڭ دىنىي-ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدىغان بىر مۇھىت يارىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. روزان رايىفنىڭ كۆرسىتىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى جازالاش ئارقىلىق ئۆزى قوغلىشىپ كەلگەن مۇقىملىققا پايدىلىق ھەرقانداق پىكىرنى بوغۇپ تاشلىغان.»