ئالدىنقى كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىدىن مەلۇمات بەردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرقانچە ھەپتىلىك زىيارىتى جەريانىدا مۇنداق بىرقانچە ئەھۋالنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى:
كاپالەت بەرگۈچى بولمىسا شەھەرگە كىرەلمەسلىك
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈزۈم قۇرۇقى ئېلىش ئۈچۈن تۇرپانغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، ئەمما داخېيەن بېكىتىدە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، تۇرپان شەھىرىگە كىرمەكچى بولغاندا ساقچىلارنىڭ توسۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ كىملىكى، يېشىل كارتىسى ۋە باشقا قانۇنىي ھۆججەتلىرىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار تۇرپان تەۋەسىدىكى يەرلىك بىر كىشىنىڭ كاپالىتى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئالاھىدە تەلەپ پەقەت جەنۇبتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغىلا قويۇلغان. بىر ئاپتوبۇستا كەلگەن خىتايلارنىڭ ھەممىسى ھېچقانداق سوئال-سوراقسىز تۇرپان شەھىرىگە كىرىپ كەتكەن. ساقچىلار جەنۇبتىن كېلىپ تۇرپاندىن قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم ئالىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى توسۇپ قالغان ۋە ئۇلاردىن كاپالەت بەرگۈچىنىڭ خېتىنى تەلەپ قىلغان.
ئاخىرىدا ئۇ تۇرپان شەھىرىدىكى يەرلىك بىر ئۈزۈم سودىگىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ ئۆزىگە كاپالەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان. تۇرپانلىق كىشى كىملىكىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ساقچىلارغا كاپالەت خېتى يېزىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ تۇرپانغا كىرىشىگە يول قويغان.
ئۆز يۇرتىدا ياشاشقا ئامال قالمىغاندا چەتئەلگە تەۋەككۈل قىلىش
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ چەتئەلگە قېچىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردا خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇش كۆچۈرۈشى ئىنتايىن قىيىنلاشقان.
ئۇششاق تىجارەت بىلەن كۈن كۆچۈرىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلار يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدىكى قىيناقلىرىغا دۇچ كەلمەكتىكەن. مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، بازار ۋە ئۇششاق تىجارەتنىڭ كاساتلىشىشى، دېھقانلارنىڭ چوڭ-كىچىك يىغىنلار ۋە كىچىك ئالما ئۇسسۇلى ئويناشتەك سىياسىي ۋەزىپىلەرگە تۇتۇلۇشى سەۋەبلىك دېھقانچىلىققا ئېغىر تەسىر يەتمەكتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشى، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشى شۇنىڭدەك دىنىي ئېتىقادقا دائىر جەمئىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشى خەلقنى جاق تويغۇزغان.
ئۆز يۇرتىدا ھېچقانداق چىقىش يولىغا ۋە خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشەلمىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈرلۈك يوللار بىلەن چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولماقتىكەن.
يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە قامىلىش
ئۇ بۇ قېتىم يۇرتىغا بارغىنىدا ئىككى نەپەر تۇغقىنىنىڭ يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ 29 ياشلىق ئوغلى 2013-يىلىدا بىر دوستىغا كومپيۇتېر ئېلىشىپ بەرگەن. شۇ چاغدا ئۇ دوستىنىڭ بۇ يېڭى كومپيۇتېرغا ئادەتتىكى بىر دىنىي تەبلىغنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى توردىن قاچىلاپ بەرگەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھېلىقى دوستى تۇتقۇن قىلىنغان، ئارقىدىنلا بۇ بالىمۇ ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلىنىپ، پوسكامغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۇ يەنە ئاچىسىنىڭ روپاش سالىدىغان بىر قىزىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە بانكىغا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى بايان قىلدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىرقانچە ئاي قان-زار يىغلاپ تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدىگەن. ئاخىرىدا بۇ قىزنىڭ ئۇلانبايدىكى تۈرمىگە قاماقلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇ خىل ناھەقچىلىكلەرگە زادىلا تاقىتى قالمىغانلىقىنى، بۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئۆزىنىڭ بىر ئىنسانىي قەرزى دەپ بىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.