رادىيومىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا 2017-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۈرۈمچىدىكى «ئالتۇنبۇلاق سودا سارىيى» دا تىجارەت قىلىدىغان قەلبىنۇر توختى ۋە شىرىنئاي توختى ئىسىملىك ئاچا-سىڭىلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئاز دېگەندە 6-7 كىشىنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ياكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
بۇ ئاچا-سىڭىللارنىڭ ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر تۇغقىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئائىلە ئەزالىرى يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇقتىلىق نازارەت قىلىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۇلار بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان كېلىن، كۈيئوغۇل، قۇدا باجا قاتارلىق تۇغقانلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، «تەربىيەلەش مەركىزى» دە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئارزۇگۈل خانىم يەنە ئۆز كەچمىشلىرى ھەققىدىمۇ ئېغىز ئېچىپ، 2016-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان چاغدا ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە ئىككىلىك كود ۋە كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغانلىقىنى، شەخسەن ئۆزىنىڭ بىرقانچە قېتىم ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ئۇلار تۇرۇشلۇق رايوندىكى ساقچىلار تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، بىرقانچە قېتىم سوراق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدىغان دوستلىرى ئۇنىڭدىن يىراقلاشقان. ئۇ، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ساياھەت باھانىسىدە چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. ئەمما ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن سەۋەبىدىن خىتاي ساقچىلىرى ئائىلىسىدىكىلەرنى پاراكەندە قىلىشقا باشلىغان. ئۇ، يېقىندا باشقىلار ئارقىلىق ھەتتا ئىلگىرى ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارزۇگۈل خانىم يەنە نۆۋەتتە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىلەردە تارقىتىلغان ئائىلە ئەزالىرىنى ئېنىقلاش جەدۋىلى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇنداق جەدۋەللەرگە شۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى خاتىرىلىنىپ، ئارخىپ قىلىپ ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن ھەرىكىتىدە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغانلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ مۇشۇ خىل جەدۋەللەرگە ئاساسەن «ئىشەنچسىز ئائىلە» دەپ بېكىتىلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى گۇماندارلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى «چېتىپ جازالاش» ياكى «كوللېكتىپ جازالاش» ئۇسۇللىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، «نۇقتىلىق ئائىلە» تىزىمىغا چۈشكەنلەرنىڭ جەددى-جەمەتىنىڭمۇ كوللېكتىپ جازاغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىمنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان گۇماندارلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى «چېتىپ جازالاش» ياكى «كوللېكتىپ جازالاش» ئۇسۇللىرى خىتايدىكى يېڭى سىياسەت ئەمەس ئىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل جازالاش ئۇسۇلىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بۇ خىل جازالاش ئۇسۇللىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئىكەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاچا-سىڭىل تىجارەتچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ تەقىب ئاستىغا ئېلىنىشىدەك پاجىئەلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى نۆۋەتتە پەقەت خىتايدىلا مەۋجۇت بولغان پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرى بىردەك جازاغا تارتىلىشتەك بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. ئۇ، بۇ ئەھۋال چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىلا ئەندىشىگە سېلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00