چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەتكە نارازىلىقنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-02-18
Share
polat-zawutida-yarilanghan-uyghur-1.jpg ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىدا بىر گۇرۇپپا خىتاي تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغان مۈلۈك دەۋاسى قىلغان ئىككى ئۇيغۇر جىددىي قۇتقۇزۇشتا. 2013-يىلى 15-ئاپرېل، ئۈرۈمچى.
RFA/Ekrem

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتكە بېرىپ، ناماز ئوقۇشقا ئوخشاش ئەڭ ئاددىي بىر شەرتنى ئادا قىلىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى قولغا ئېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى دىنى ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا خوتەنگە بارغان بىر چەتئەللىك مۇخبىر شۇ يەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۆتكەن يىلى دىنى ئەسەبىيلىك بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن 27 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ئاڭلىغان. مۇخبىر خەۋىرىدە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۆتكەن يىلى 28-ئىيۇن كۈنى خوتەننىڭ خانئېرىق يېزىسىدا ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتىغان بولسىمۇ ئەمما ئىلگىرىلەپ ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار نەتىجىسىدە ۋەقەنىڭ ئەسلى شۇ كۈنى جۈمەدىن يانغان ئالاھازەل 300-400 كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى ئىكەنلىكى، نامايىشچىلارنىڭ ئاساسەن ياشلاردىن تەشكىللىگەنلىكى، بۇ نامايىشچىلارنىڭ خوتەن شەھەر ئىچىگە قاراپ ماڭغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. خوتەنگە زىيارەتكە بارغان چەتئەللىك مۇخبىرلار بۇ يەردە ۋەزىيەتنىڭ ھېلىھەم چىڭلىقىنى، شۇ ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھېلىھەم قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

ياپونىيەنىڭ «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يېقىندا خوتەندىن بەرگەن خەۋىرىدە، خانئېرىقتىكى كىشىلەرنىڭ بايانىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، 28-ئىيۇن كۈنى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خانئېرىقتىكى مەسچىتنىڭ قانۇنسىز دىنى پائالىيەت تەشكىللىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسچىتنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن غەزەپلەنگەن ئاممىنىڭ نامازدىن يېنىپ ھۆكۈمەت ئالدىغا بېرىپ نامايىش قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئۆلۈپ-يارىلانغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى خانئېرىق ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان 27 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلار، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئوغلىنى قانۇنسىز دىنى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. 65 ياشقا كىرگەن دادىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ساقچىلار ئۇنىڭ ئوغلىنى 28-ئىيۇندىكى ۋەقەدىن كېيىن ساقچىخانىغا چاقىرتقان ۋە شۇ كۈنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن. بۇ چارىسىز ئاتا-ئانا مۇخبىرغا «بىزنىڭ ئوغلىمىز ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىدى، ئۇ گۇناھسىز دەپ ياش تۆككەن.

ياپونىيە «كۈندىلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ سۆھبەتلەشكەن. گېزىتنىڭ ئېيتىشىچە، 20 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 28-ئىيۇندىكى ۋەقەدىن كېيىن بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە خالىغانچە باستۇرۇپ كىرىدىغانلىقىنى، كوچىلاردا بىكاردىن-بىكار كىملىك سورايدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بىر ئۇيغۇر ياش بولسا ئۆزىنىڭ ئوقۇغان كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ مائاشىنىڭ مەڭگۈ ئۆسمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئۇ يەنە مۇخبىرغا «ئەگەر كوچىدا ئۇيغۇر بىلەن خىتاي جېدەللىشىپ قالسا، ساقچى پەقەت ئۇيغۇرنىلا سوراق قىلىپ، قولغا ئالىدۇ دېگەن.

گېزىت مۇخبىرى خوتەندىكى ۋەزىيەتنى ئومۇمەن جىددىيلىكىنى، خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى بىلدۈرگەن.

ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەر پەقەت دىنى بېسىملا ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈشى، يەر-جايلىرىنىڭ مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىشىمۇ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

ياپونىيە «كۈندىلىك گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ئۈرۈمچىگە ئىككى سائەت كېلىدىغان شىخەنزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەبرىستانلىقى ھازىر چېقىلىش ئالدىدا ئىكەن. 45 ياشلىق بىر ئۇيغۇر كىشى مۇخبىرغا بۇ يەردە ئۆزىنىڭ بوۋا-موما ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىسى بارلىقىنى، ئەتراپتا شۇنچە جىق يەر تۇرسا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قەبرىستانلىقنى يوقىتىپ، ئورنىغا بازار سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن قاتتىق نارازىلىقىنى ئېيتقان. ئۇ «بۇ يەرگە ئەگەر ھۆكۈمەت ئايرودروم چۈشىدۇ، يول ياكى مەكتەپ چۈشىدۇ دېگەن بولسىمۇ مەيلىتى، لېكىن مەن بۇ يەرنىڭ شەخسىي شىركەتكە ئۆتكۈزۈۋېتىلىشىگە نارازى دېگەن.

ئەمما گېزىتنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىۋاتقان بۇ پىلان بولسا ئاللىقاچان يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ بولغان. بۇ قەبرىستانلىقنى سېتىۋالغان شەخسىي شىركەت بۇ يەرگە 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن. شىخەنزىدىكى بۇ قەبرىستانلىق 200-300 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ كۆچۈرۈش پىلانىغا قارشى نارازىلىقلار 2012-يىلىلا باشلانغان بولۇپ، بەزەن نارازى بولۇپ يىغىلغان ئادەملەرنىڭ سانى مىڭغا يەتكەن ۋاقىتلارمۇ بولغان. بىر ئۇيغۇر مۇخبىرغا «ھېچكىم مۇسۇلمانلارنى ئويلاپ قويغىنى يوق. قارىغاندا بۇ كارخانىچىلارنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا بولسا كېرەك دېگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە توختىماي يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى بېسىم سىياسىتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چاقىرىقلارغا قۇلاق سالماي كەلمەكتە. قىسقىسى، 14-يانۋار كۈنى ئۇچتۇرپاندا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەر ئوخشاشلا ھۇجۇمچىلارنى دىنى ئەسەبىيلەرنىڭ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا يەنە بىر قېتىم دىنى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان. بۈگۈن تۇرپان ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، جاي-جايلاردا دىنى ئەسەبىيلىككە قاتتىق زەربە بېرىش، چەكلەش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت