ئەمىن پازارچى: «ئۆلۈم جازاسى بىلەن تۇغۇلغانلار»

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ئاخشام» گېزىتىنىڭ 21-ئاپرېل كۈنىدىكى سانىدا «ئۆلۈم جازاسى بىلەن تۇغۇلغانلار» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى.

ئەمىن پازارچى يازغان بۇ ئوبزور مۇنداق باشلايدۇ:
خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئېتىبارى يوق. ساقچى خالىغانچە ئۇيغۇرلارنى يولدا توسۇپ ئاختۇرالايدۇ، سوتقا تارتالايدۇ. خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نەپرەت بىلەن قاراش ھەق-ھوقۇقىغا ئىگە. تاكسىچىلار، ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى ئۇيغۇرلارنى ماشىنىسىغا چىقارماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. ھەتتا ئۇيغۇرلار تىجارەت مەركىزىگە كىرگەندە تىجارەت مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان خىتايلار: «ئەتراپتا ئۇيغۇر بار، دىققەت قىلىڭلار» دېيىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە.

ئەمىن پازارچى ئەپەندى ئوبزورىدا كەلپىن ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
تۈنۈگۈن بىر قانچە گېزىتتە كىچىك بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە موتسىكلىت بىلەن قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا ئارقىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياش ئاڭلىتىلغان. بۇ ۋەقە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە مەيدانغا كەلگەن. ئەسلىدە بۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نورمال بىر خىزمىتى. ئۆلتۈرۈلگەن ياش بىر ئۇيغۇر ئىدى. موتسىكلىتقا ئوق چىقارغاندا يارىدار بولغان ئىككى ئۇيغۇر تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. چۈنكى ئۇلارمۇ قاتناشتا قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىش جىنايىتىنى سادىر قىلغان. ئۇلارنىمۇ بۇ ئاقىۋەت كۈتۈۋاتاتتى. ئۇ يا ئۆلىدۇ ياكى ئەيىبناق بولۇپ قالىدۇ. دۇنيا دۆلەتلىرى ھەر دائىم يەنە كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرمەسكە سالدى.

ئەمىن پازارچى ئەپەندى ئوبزورىدا ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خىتاينىڭ 1949-يىلىدىكى ئىشغالى بىلەن بىرلىكتە ئاخىرلاشتى. ئۇيغۇرلار ئۆلۈم جازاسى بىلەن تۇغۇلۇشقا باشلىدى. ئۆلۈم جازاسى بىلەن تۇغۇلغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بەزى ئۇيغۇرلار بۇ ئېغىر جازالارنىڭ ئاستىدا قورقۇپ ياشىماقتا. ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن تۇغۇلماي تۇرۇپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر بار. شەرقىي تۈركىستانلىق بىر ئايال پىلانلىق تۇغۇتنىڭ سىرتىدا ئىككى قات بولۇپ قالسا، تۇغۇشقا بىر كۈن قالغاندا بولسىمۇ بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.

ئەمىن پازارچى ئەپەندى «ئاخشام» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا 1949-يىلىدىن بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق يوقاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئۇيغۇرلانى قانداق ئۆلتۈرگەنلىك مەسىلىسىگە كەلسەك شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەرھۇم لىدېرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان كىتابىدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئاچلىقتىن ئۆلگەن. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر خىتاي زىندانلىرىدا تەن جازاسى بىلەن ئۆلگەن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئەمىن پازارچى ئەپەندى ئوبزورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان خاتا سىياسىتى نەتىجىسىدە بۈگۈن كەلگەن ۋەزىيەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ خاتا سىياسىتى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ۋەزىيەت. خىتايلار شىنجاڭ دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ھازىر خىتاينىڭ خالىغانچە زۇلۇم ۋە بېسىم قىلالايدىغان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش رايونىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-زېمىنلىرى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن قوللىرىدىن تارتىۋېلىنماقتا. ئۇيغۇرلار باشقا رايونلارغا كۆچۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلار ئېلىپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرەلمەيدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ بوينىغا ئۆلۈم بۇيرۇقى ئېسىقلىق. ئۇلارنىڭ ياشىشى، مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرسە نېمە بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.

ئەمىن پازارچى ئەپەندى «ئاخشام» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەقەلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
خىتاي ساقچىلىرى 1997-يىلى قادىر كېچىسى قۇرئان ئوقۇغان ئاياللارنى تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىگە ئاپارغان، ئۇلار جىنايەت ئۆتكۈزمىدى، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار دەپ بارغان ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقارغان، ساقچى ئىدارىسىدىن ئۇ ئاياللارنىڭ جەسىتى چىققان. 2003-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ياش قىزلار خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىغا ئېلىپ كېتىلمەكتە.

خىتايلار 2009-يىلى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشلەيدىغان زاۋۇتقا بېسىپ كىرىپ ئۇيغۇرلارنى ئۇردى. 5-ئىيۇل كۈنى بۇ جىنايەتنى تېپىپ بەرسۇن دەپ كوچىغا چىققان ئۇيغۇرلارنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى قىرىۋەتتى. جەمئىي 500 ئەتراپىدا كىشى خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 140 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلار 3000 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 7-ئىيۇل كۈنى خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ كۈركۈرتىشى بىلەن ئۈرۈمچى خۇۋالىن رايونىدا 70 ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ كۈنى خىتايلار ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتىنى كۆيدۈرۈۋەتمەكچى بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنياغا ئاشكارا ھالدا بولدى. ئەمما دۇنيا دۆلەتلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۋىتتېرنى ئېتىۋەتكەندە كۆرسەتكەن نارازىلىقىنىڭ مىڭدىن بىرىنىمۇ كۆرسەتمىدى. 2014-يىلىغا كەلگەندە قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەن ياش ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. يەنە خىتايغا ھېچقانداق دۆلەت بىرنەرسە دېمەيۋاتىدۇ. مەن ئىنسانلىقىمدىن نومۇس قىلىۋاتىمەن.