يېقىندا ئامېرىكىدىكى مەلۇم ساياھەت يېتەكچىلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تاۋ تاۋ خولمېس ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆزى كۆپ قېتىملاپ دۇچ كەلگەن ئىرقىي كەمسىتىش ھادىسىسى ۋە ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزى ھېس قىلغان ئەھۋاللار توغرىلىق تەپسىلىي توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋالى ئامېرىكا تۇپرىقىدىن ئاساسىي جەھەتتىن غايىب بولغان ئىندىيان قەبىلىلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاپ قالماقتا ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئون ئالىي مەكتەپنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن تاۋ تاۋ خولمېس ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى «خۇففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەن نېمىلەرنى كۆردۈم؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە يېزىشىچە ئۇ، ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ھەققىدە ئەندىشىدە بولغانلار بىردەك ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېقىندىن بۇيان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ھالبۇكى، خىزمەت قىلىش ئىشتىياقىدا سەپەرگە ئالدىراۋاتقان خولمېس خانىم بۇ ئەسكەرتمىلەرگە پىسەنت قىلىپ كەتمىگەن. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يېرىم ئىنگلىز، يېرىم خىتاي قانداشلىق سالاھىيىتى بىلەن خىتايدا قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىدىن زادىلا گۇمان قىلمىغان ئىدى.
ئەمما خولمېس ئۈرۈمچىگە چۈشكەن ۋاقىتتىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەكمۇ ئوخشايدىغان چىراي شەكلى تۈپەيلىدىن ھەممىلا جايدا «ئالاھىدە» مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. ئايرودرومدىكى دۇكاندارلارنىڭ ئۆزىنى ئىما- ئىشارەت قىلغاچ «ئۇيغۇرمۇ بۇ؟» دەپ بىر-بىرىگە پىچىرلاۋاتقانلىقى ئۇنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان. بولۇپمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا خىتاي ساقچىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان روشەن قوپاللىقلىرىنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە نۆۋەت كۈتۈۋاتقان باشقا خىتايلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئەدەپ قائىدىلىك مۇلازىمەتكە سېلىشتۇرۇپ داڭ قېتىپ قالغان. ئۇ سومكىسىدىن ئۆزىنىڭ ئامېرىكا پاسپورتىنى چىقارغان ۋاقىتتا ئۆزىگە تولىمۇ قوپال مۇئامىلىدە بولۇۋاتقان خىتاي ساقچىنىڭ مۇئامىلىسى 180 گرادۇس ئۆزگەرگەن.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتايلاردىكى «ئادەمگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش» خاراكتېرىنىڭ رېئاللىقتىكى ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى.
تاۋ تاۋ خولمېس ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى كەچۈرمىشلىرىدىن بىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «بىر كۈنى ئىككى ئامېرىكىلىق دوستۇم بىلەن شىخەنزىدىن ئۈرۈمچىگە كەلدۇق. كەچتە شىخەنزىگە قايتىش ئۈچۈن ئاپتوبۇس بېكىتىدە بېلەت ئېلىۋاتساق، بىر خىتاي ساقچى كېلىپ ‹ئوچېرەت، ئوچېرەت› دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن چاقماق تېزلىكىدە ئالدىمدىكى ئادەمگە چاپلىشىپ دېگۈدەك ئوچېرەتكە تىزىلدىم. شۇ چاغدا ھېلىقى ساقچى يېنىمغا كېلىپ ‹ئۆچىرەتتە تۇر!› دېگىنىچە مەيدەمدىن ئارقامغا ئىتتەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئالدىمدىكى ئالامانغا تېخىمۇ چىڭ چاپلىشىپ قالدىم. شۇنداق تۇرسام ھېلىقى ساقچى يەنە يېنىمغا كېلىپ ‹ئارقاڭغا تۇر› دەپ مەيدەمدىن ئىتتىرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچۇپ ئاغزىمنى قويۇۋەتتىم ۋە ئۇنى ئىنگلىزچە تىللاپلا كەتتىم. قارىسام ئۇ ساقچى مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. كېيىن ئويلاپ باقسام، ئۇنىڭ مېنى ھايۋاننى سىلكىگەندەك سىلكىشلىشىنىڭ سەۋەبى ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ چىرايىمغا قاراپ مېنى ئۇيغۇر، دەپ ئويلاپ قاپتۇ. ئەنە شۇ دەقىقىدە مەن ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكىنى چۈشەندىم.»
ئۇنى يەنە بىر قېتىم چۆچۈتكەن ۋەقە ئۇنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن. ئۇ شىخەنزىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوخشىمىغان يىللىقتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدەك داڭلىق مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك سالاھىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان ئوقۇغۇچىلار توپىدا ھېچقانداق ئىجابىي تەسىر قوزغىيالمىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەققى تۇرقى ئۇيغۇرلارغىلا ئوخشايدىغان بۇنداق چەتئەللىك مۇئەللىمدىن دەرس ئېلىشتىن بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىنى بايقىغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېلشات ھەسەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا شىخەنزىدە ئون نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغان بولۇپ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان چىرايى بىلەن ئۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەرقاچان قىزغىنلىققا ۋە دوستلۇققا دۇچ كەلگەن بولسا، خىتايلار توپى ئىچىدە ھەرقاچان ئوخشاش بولمىغان توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىغان. ئەمما تاۋ تاۋ خولمېسنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ياشاش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ھېس قىلغان يەنە بىر نۇقتا خىتاي تەۋەسى بىلەن ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ پەرقىدۇر.
ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە، خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «ئىچكىرى» دېگەن ئاتالغۇ ئارقىلىق خىتاي بىلەن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك دائىرىنى پەرقلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ خىتاي تېررىتورىيىسىدىن روشەن پەرق قىلىدىغان، شۇنداقلا تاشقى دۇنياغا «شىنجاڭ» دېگەن نامدا مەلۇم بولۇۋاتقان بۇ رايونغا كەلگەن ھەرقانداق چەتئەللىك ئۆزىنى بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شۇنداقراق. چۈنكى ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ئەمەس، رايوننىڭ ئۆزىدىكى باشقا بىر شەھەرگە بېرىش ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە رۇخسەت قەغەزلىرىنى ئېلىش لازىم. شۇڭا ئۇيغۇرلار، مەيلى ئۇ مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇر بولسۇن ياكى ئىنسان ھەقلىرىدە ياخشىلىنىش بولسىلا قانائەت قىلىدىغان ئۇيغۇر بولسۇن، ھەممىسىلا خەلقئارا دۇنيانىڭ نەزىرىدىن پىنھان ھالدا تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدە سۈكۈت ئىچىدە ياشاشنى داۋام ئەتمەكتە.
ئۇنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ھېس قىلغىنى شۇ بولغانكى، ئۇيغۇرلار ئىزچىل رەۋىشتە ئۆزلىرىگە تەۋە ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالماقتا: ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان، ئۇلارنىڭ ئانا تىلى بىسىمغا ئۇچرىماقتا، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى باستۇرۇلماقتا، ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى كىيىم- كېچەكلىرى سىياسىيلاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور لې بىلەن ئورتاقلاشقاندا ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قانداق ئويلايسىز؟» دەپ سورىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ سوئالىغا قارىتا مەزكۇر تەتقىقاتچى «ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئامېرىكا تارىخىدىكى ناۋاجو ئىندىيانلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار ھازىر خىتايدا دۇچار بولۇۋاتقان مۇئامىلە ناۋاجو ئىندىيانلىرى ئەينى ۋاقىتلاردا باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلەرگە تولىمۇ ئوخشاپ كېتىدىكەن. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى خىتاي شىركەتلىرى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماقتا، ئۇلارنىڭ نېفىتى بولسا ئىچكىرىگە توشۇلماقتا. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت جەھەتتىكى قاتمۇ- قات سىياسەتلەر ۋە چەكلىمىلەر ناۋاجۇ ئىندىيانلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تارىخىي ئوخشاشلىقتا نامايان قىلىۋاتقان ئامىللار ئىكەن.
تاشقى تەققى تۇرقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ قېلىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار رايونىدا خاتا ھالدا «ئۇيغۇر» دەپ قارىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى مۇئامىلىلىرىگە دۇچار بولغان چەتئەللىكلەر ۋە ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى كەچۈرمىشلىرىگە دائىر كۆپلىگەن يازمىلارمۇ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ باشقا بىر يۈزىنى تاشقى دۇنياغا نامايان قىلماقتا.