يارىدار ئۈچۈن يېزىلغان جىنايى ئارقا كۆرۈنۈش خېتى ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇرلار

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ ساقچىخانىسى تەرىپىدىن يارىدار سەمەت ئەبەي ئۈچۈن يېزىلغان جىنايى ئارقا كۆرۈنۈش خېتى تارقالدى.

خەتتە سەمەت ئەبەينىڭ چىلان كەنتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنسىزلىق ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك تارىخى يوقلۇقى بايان قىلىنغان. يارىدار ئۈچۈن يېزىلغان بۇ خەت ئۇيغۇر تور ئەزالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

مۇخبىرىمىز بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر خەت ۋە يارىدار ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئېرىشتى. مەلۇم بولۇشىچە، سەمەت ئەبەي موتسىكلىتى ئۆرۈلۈپ ئېغىر ھالدا يارىلانغان، يارىدار ئائىلىسى مەزكۇر تونۇشتۇرۇشنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال چىلان كەنت سېكرېتارغا ئىلتىماس سۇنغان، سېكرېتار خەتنى يېزىلىق ساقچىخانىدىن ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.