مەلۇم بولۇشىچە، گۇمىدا بۇ يىل 14-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ گۇمىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يەنە بىر بالداق كۈچەيگەن. گۇمىدا ئاھالىلەر 250 مېتىر نېرىدىكى قوشنىسى بولسىمۇ، ئەگەر بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ 15 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇپ قالسا، ئۆي ئىگىسى ئەھۋالنى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىپ قويۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ تۈزۈم زىيارەت قىلغۇچى بىر كىشى بولسىمۇ، يېشى 14 ياش بولسىمۇ ئىجرا قىلىنىشى شەرت ئىكەن. گۇمىدا ئاھالىلەر مەلۇم قىلغان بۇ ئەھۋالنى ساقچى خادىملىرىمۇ رەت قىلمىدى.
بۇ يىل 14-فېۋرال كۈنى گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى 3 نەپەر گۇماندارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن 50 كە يېقىن كىشىنى قاماققا ئالغاندىن باشقا، ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىدىن 200 گە يېقىن كىشىنى 3 كۈنگە قەدەر كەنت قورۇسىغا سولاپ قويغان ئىدى. ئەينى كۈنلەردە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىمىزگە ئىنكاس يازغان بىر ئاڭلىغۇچى رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي يولغا قويغان كوللېكتىپ جازالاش تەدبىرىنىڭ بىر مەھەللە كىشىلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى، بەلكى گۇما ناھىيىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇنىڭغا پاكىت كۆرسىتىپ گۇما ناھىيىسىدە، قوشنىلار ئارا كىرىپ چىقىشنىڭمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئۇچۇر ئارىدىن 4 ئاي ئۆتكەندە گۇما ناھىيىسىنىڭ چودا ۋە مۇجى يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەر تەرىپىدىن دەلىللەندى.
رادىيومىزغا يوللانغان مەكتۇپتا، گۇمىدا نۆۋەتتە مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قوشنىلىرىنى زىيارەت قىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى يېزىلغان. ئاھالىلەر 14 ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ قوشنا زىيارىتىمۇ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، گۇمىدا تۇغقانلار ئارا ۋە قوشنىلار ئارا ئائىلە زىيارىتىنىڭ ساقچى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان، ئەمما بۇرۇن ئائىلە زىيارىتى 2 سائەتتىن ئاشقان ئەھۋالدا ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان؛ 14-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن مەيلى تۇغقان، مەيلى قوشنا بولسۇن 15 مىنۇتتىن ئاشقان ئائىلىلەردە ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق زىيارەت، سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىشىنىڭ چوقۇم ساقچىغا مەلۇم قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان. ئاھالىلەر تام قوشنىسى بىلەن كىرىپ-چىقىشنىڭمۇ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مەكتۇپتا دېيىلىشىچە ۋە گۇمىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇمىدا ئاھالىلەر، ئۆيلىرىگە مېھمان كەلگەن ئەھۋالدا مېھمان كېلىشتىن ئاۋۋال ۋە تارقالغاندا بولۇپ ساقچىغا ئىككى قېتىم دوكلات قىلىشى كېرەك.
14-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدە 5 نەپەر خىتاي كۆچمەن ئۆلگەن ۋە 3 نەپەر گۇماندار نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ 3 گۇماندارنى سوتسىز ئاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن بىر مەھەللە ئاھالىسىنى كوللېكتىپ جازالىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى ئۇچۇردىن قارىغاندا، جازا ئوبيېكتىنىڭ بىر مەھەللە ئەمەس، بىر ناھىيە ئاھالىسى بولغانلىقى كۆزگە چېلىقماقتا. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، گۇما ناھىيىسىنىڭ نوپۇسى 249200، بۇنىڭ 97.96% نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ.