سودا ئېھتىياجىدىن تام ئاتلاپ تورغا چىققان پەخىردىن 7 يىللىق قاماقتا
خىتاينىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولانغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئارىسىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خالمۇرات قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قوزغىغان «ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› غا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئاشكارىلاش ھەرىكىتى» نىڭ تۈرتكىسىدە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە تۇتۇلۇش سەۋەبىگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۇلارنىڭ ئەركىن دۇنيادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ئاڭلىتىلىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئۈرۈمچى چېگرا مېھمانخانىسى سودا ئېغىزىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تىجارەت قىلىدىغان پەخىردىننىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئۇچۇرلىرى ئۇلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۇغقانلىرى تەرىپىدىن رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىندى.
يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن گۈلجەننەت خانىم ۋە ئابابەكرى قاتارلىقلار رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلجەننەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى تىكقۇدۇق كۆمۈركان رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاكىسى ئەكبەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئەرلىرى بۇلتۇر يىل ئاخىرى ۋە بۇ يىل بېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان. گۈلجەننەت خانىم بايانىدا مەزكۇر خەۋەرنى ئۈرۈمچىدىكى تونۇشلىرىدىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆمۈر كان رايونىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئۈرۈمچى بۇلاقلاغ يەنى، خىتايچە شۈيموگو رايونىغا قاراشلىق تاشلىقسايدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گۈلجەننەت خانىمدىن ئۇنىڭ ئاكىسى ئەكبەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئاكىسىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى بىلەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما كۆمۈركان رايونىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ زور كۆپ قىسمىغا «ئىنتېرنېتتە دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگەن» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ، ئۆگىنىشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رادىيومىزغا نەۋرە ئاكىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئابابەكرى ئەپەندىمۇ بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى تونۇشلىرىدىن ئۈرۈمچى چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا ئېغىزىدا تىجارەت قىلىدىغان نەۋرە ئاكىسى پەخىردىن پەتتارنىڭ سودا ئېھتىياجىدىن تام ئاتلاپ تورغا چىققانلىقى ئۈچۈن «تام ئاتلاپ چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگەن» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەخىردىن پەتتار يېقىنقى يىللاردا چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا ئېغىزىدا تىجارەت قىلىپ روناق تاپقان. ئۇ مەزكۇر سودا ئېغىزىدا قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى سودىسى قىلىپ كەلگەن. 2009-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا خەلقئارالىق ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە چەكلىمە قويۇلغان ئەھۋالدا پەخىردىن پەتتار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن نورمال سودا ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرىدىن يازما ئىجازەت ئېلىپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدە تام ئاتلاش يۇمشاق دېتالىنى قوللانغان. ئەمما 2016-يىلى يىل بېشىدا پەخىردىن پەتتار «دۆلەت قانۇنىنى بۇزۇپ، تام ئاتلاپ ئۇچۇر كۆرگەن» دېگەن باھانىدا تۇتقۇن قىلىنغان. 2018- يىلى يىل بېشىدا ئائىلىسىدىكىلەر پەخىردىن پەتتارغا «چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچىلەر بىلەن تور-ئۇچۇر ئالاقىسىدە بولغان» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىق ئۇچۇرىنى ئالغان. كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاش ئارقىلىق پەخىردىن پەتتارنىڭ 7 يىللىق مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، شىخەنزەدىكى تۈرمىگە جازا مۇددىتىنى ئۆتەشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.
رادىيومىز پەخىردىن پەتتار ئىلگىرى تىجارەت قىلغان چېگرا رايون سودا ئېغىزىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ يەردە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە خەلقئارالىق سودا ئېغىزى دەپ ئاتالغان بۇ جايدا تىجارەت قىلغۇچىلارغا ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە قانچىلىك يول قويۇلىدىغانلىقىنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
چېگرا رايون مېھمانخانىسىغا ئۇرۇلغان تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن مۇلازىمەتچى خادىم مەزكۇر سودا ئېغىزىدا تىجارەت قىلىدىغانلار ئارىسىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ خادىم بايانىدا يەنە چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا ئېغىزىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ جايدا تىجارەت قىلىدىغانلارغا ھەقسىز تور ئالاقە مۇلازىمىتى بارلىقىنى، ئەمما تام ئاتلاپ چەتئەل تور مۇنبەرلىرىگە چىقىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقى بىلدۈردى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىش ئېغىرلاشقان بۈگۈنكىدەك شارائىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كىملىكى بىلەن دۇنياغا ئاڭلىتىشى كۆپلىگەن جەھەتلەردىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پەرھات ئەپەندى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئەكبەرگە ئوخشاش چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىدە بولغۇچىلار ۋە پەخىردىن پەتتارغا ئوخشاش ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىپ نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
پەرھات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۆزلىرى مەلۇم جەھەتتە كەڭچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سىياسىي جەھەتتىن ماسلاشقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا قارىتا تىجارەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بەزى قۇلايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن. ئەمما بۇ خىل كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ساداقىتىدىن گۇمانلانغان ياكى ئۇلارنىڭمۇ بىر كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا نارازىلىقنى ئاشكارا ئىپادىلەيدىغان ئۇيغۇرلار سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ھامان ئەكبەرگە ئوخشاش چەتئەللەردە تۇغقانلىرى بار ئۇيغۇرلار ۋە پەخىردىن پەتتارغا ئوخشاش پەقەت ئۆز تىجارىتى بىلەنلا مەشغۇل بولغان تىجارەتچىلەرمۇ ھەر ۋاقىت، ھەرقانداق بىر باھانە بىلەن دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇن ۋە زەربە ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
0:00 / 0:00