شىۋېتسىيە پۇقراسى تۇغلۇق خەمىت: «چەتئەلدە ياشاش يولىنى تاللىغىنىم ئۈچۈنلا ئاتا-ئانام تۇتقۇن قىلىندى»
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۇغلۇق خەمىت ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان غۇلجا شەھىرىدىكى بوز تۈرمىسىدە قاماقتا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقىلى 9 يىل بولغان تۇغلۇق خەمىت ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرى ناغرىچى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاتا-ئانىسى پېنسىيىگە چىققان دۆلەت كادىرلىرى ئىكەن. ئۇ غۇلجىدىكى تونۇشلىرىدىن دادىسى خەمىت ئابدۇراخمان ۋە ئاپىسى سائادەت باۋۇدۇن خانىملارنىڭ 2017-يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، قارادۆڭ مەھەللىسىدىكى بوز تۈرمىسىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئالغان.
تۇغلۇق خەمىتنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ باشقىلاردىن دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تۇتقۇن قىلىشىغا، ئاتا-ئانىسىنىڭ چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئوغلى بىلەن نورمال ئالاقىدە بولغانلىقى ۋە 2-3 يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن تۈركىيەدە كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈنلا دائىرىلەر ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە سولىغان ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شىۋېتسىيە پۇقراسى بولغان تۇغلۇق خەمىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ھەدىسىنىڭ ئۇنىڭ سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىشى نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يۈزلىنىۋاتقان ئومۇمىي ئەھۋالنىڭ پەقەت بىر ئۆرنىكى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ يۇرتلىرىدا قالغان ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇلارنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان پەرزەنتلىرى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن نورمال ئۇچۇر ئالاقىسىدە بولغانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىغا پۇل ئەۋەتكەنلىكى سەۋەب بولغان. يەنە بەزىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا پەرزەنتلىرى ۋە قېرىنداشلىرىنى يوقلاپ چەتئەللەردە ساياھەتتە بولغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش تەلەپلىرىنى رەت قىلغانلىقى قاتارلىقلار سەۋەب بولغان.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن نورمال ئالاقىدە بولغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇغلۇق خەمىت ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ۋە ھەدىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش قارارىغا كېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئۇ بۇ خىل رەزىللىكنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا تۇتقۇندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە تۈرمە سىرتىدىكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يەنىمۇ كۆپ خەتەر كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى يۇمشاپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭشىلىشىغا ئۈمىد باغلىغىنى ئۈچۈن بىر مەزگىل سۈكۈت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بۇ يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى خەلق بانكىسىدا ئىشلەۋاتقان ھەدىسى گۈلشات خەمىتنىڭمۇ ئۇنىڭ سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان رەزىللىكنى دۇنياغا ئاشكارىلاش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان يەنىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا يۈزلىنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دىلشات ئەپەندى سۆزىدە بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلار كەڭ دائىرىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر «يىغىۋېلىش لاگېرى» غا قامىلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتتە ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھەر خىل دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.