ئۈرۈمچى شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى خۇددى تۆت يىل ئاۋۋالقىدەكلا جىددىي ھەربىي ھالەتكە كىردى،ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردا چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىرلار ئۆتكۈزۈلدى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا ئوخشاش 24 سائەتلىك چارلاش ئېلىپ بېرىلماقتا.
خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقىنى قوغداش قەسەمياد يىغىنىدا «ئۈچ خىل كۈچلەرنى باستۇرۇشتا ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق» بۇيرۇقىنى بەردى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئامېرىكىدىكى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە تۈركىيەدىكى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى قاتتىق باستۇرۇشلارنىڭ رايوندا تېخىمۇ زور توقۇنۇش ۋە قان تۆكۈلۈشلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تۆت يىللىقى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقساق، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ۋە ھەر قايسى نۇقتىلىق ئورگانلاردا بىر تۇتاش 24 سائەتلىك كۆزەتچىلىك، چارلاشنى يولغا قويۇش، ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە باشقا جايلاردا داۋاملىشىۋاتقان چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىرلار، كۈندۈزدىلا شەھەرلەرگە كىرىۋاتقان برونېۋىك قىسىملار، ئالاھىدە جىددىي مۇقىملىق تەدبىرلىرى، ئادەم تۇتۇشلار، خىتاينىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ مۇقىملىق، قاتتىق باستۇرۇش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى.... ئۇيغۇر ئېلىنى ئەينى تۆت يىل ئاۋۋالقى سىياسىي جىددىي ۋەزىيەت قايتىدىن قاپلىغان.
يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر،خوتەن، ئاقسۇ، پىچان قاتارلىق ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن، ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانا قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەر سانى 60 تىن ئاشتى.
29-ئىيۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمىغا «چېگرا ئىچى -سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەر شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش نىيىتىدىن يانغىنى يوق...يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان زوراۋان، تېررورچىلار قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ، يارىلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال -مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى» دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ «قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق» بۇيرۇقى بەردى.
بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 28-ئىيۇن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان. 29-ئىيۇن ئۇيغۇر ئېلىگە مىڭ جيەنجۇ باشلىق بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتكەن.
29-ئىيۇن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇقىملىق خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزگەن. ئۇ يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەر دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس دېگەن ۋە يەنە قاتتىق باستۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدە قىلغان سۆزىدە «دىنىي رادىكاللىقنى مەنبە قىلغان زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، يەنىمۇ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
30-ئىيۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان رەئىسى نۇر بەكرى مەخسۇس تېلېۋىزىيە نۇتقى بېرىپ«تېررورچىلار بىلەن بولغان كۈرەش ھايات-ماماتلىق سىياسىي كۈرەش بولۇپ، مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم خىزمەت، ئۈچ خىل كۈچكە بوشاشماي زەربە بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىش، ئالدىن قول سېلىش، قاتتىق بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇش ئۈستىگە قاتتىق باستۇرۇشنى، يۇقىرى بېسىم ئۈستىگە يەنە يۇقىرى بېسىم يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۇيغۇر ئانالىزچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە. ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مەيلى 5-ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ ئالدى -كەينىدە بولسۇن ياكى يېقىندا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىقلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بىرلا سەۋەبى بار دېيىلسە، ئۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان توختاۋسىز بېسىم سىياسىتى» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە «خىتاي ھازىرغىچە باستۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ نارازىلىقىنى باستۇرۇپ تۈگىتەلمىدى، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئاشۇرالمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ئېلى سىياسىي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ ھەقتە مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىنلا، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلەش، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان، تارىخىي، سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنى ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇرلارمۇ ئەركىنلىك كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى، بۇ سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان قان تۆكۈلۈشلەرنىڭ، خىتاي ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك بەرمەي تۇرۇپ توختىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.