ئابدۇرېھىم ئىمىن: «مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇرېھىم ئىمىن يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فەيسبوك، يۇتۇبى قاتارلىقلاردا ئۆز كىملىكى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىپ، ئائىلىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2014-يىلى مالايسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەندىن بۇيان، قەشقەردە قالغان ئائىلە ئەزالىرى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى بۇخەلچەم 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. قەشقەردە ئۇزۇن يىل كەنت سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن دادىسى ئىمىن ئەپەندى، ئۇكىلىرىدىن ئابدۇقادىر ۋە ئابدۇلھېكىم، چوڭ سىڭلىسى خالىدە قاتارلىقلار 2016-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ مەزگىللەردە قۇرۇلغان تەربىيەلەش لاگېرىغا سولانغان. 2017-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە چەتئەللەردىن يۇرتىغا ساياھەتكە بارغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئانىسى ھۆرنىساخاننىڭ ئۆز ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقى، قارانچۇقسىز قالغان 6 بالىسىدىن ئىككىسىنىڭ مەھەللىگە ئادەم تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن.

ئابدۇرېھىم ئەپەندى يۇرتى قەشقەردە قالغان ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايالى بۇخەلچەم ۋە قېرىنداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا تۇتامغا چىققۇدەك سەۋەبنىڭ يوقلىغىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن پەقەتلا خەت ۋە تېلېفون ئالاقىسىدە بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نورمال تېلېفون ئالاقىسىنى ئۇلارغا «جىنايەت» بېكىتىشتە باھانە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېھىم ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن 2013-يىلدىن باشلاپ ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، يۇرتىنى تاشلاپ چەتئەللەردە ياشاشتەك سەرسانلىق يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ 1997-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە «مەكتەپتە ناماز ئوقۇدى» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2000-يىلغىچە 3 يىل قەشقەردىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىدا جازا مۇددىتى ئۆتىگەن ئىكەن. سىياسىي جىنايەت بىلەن كېسىلىپ تۈرمىدە ياتقانلار ھەر ۋاقىت نازارەت ئاستىدا ياشاشقا مەھكۇم بولىدىغان خىتايدەك بىر دۆلەتتە ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يەككە تىجارەت يولى ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىش يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما ئۇ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش شامىلى چىققاندا ئۈرۈمچىدىن يۇرتى قەشقەرگە مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇپ، يەنە ئۈچ ئاي خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، يۇرتىدا داۋاملىق ياشاش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئابدۇرېھىم ئەپەندى 2013-يىلى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى ئارقىلىق مالايشىياغا قېچىپ چىقىپ، 2014-يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشىماقتا ئىكەن.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم ئىمىن ئەپەندى يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە دادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىدى.

ئۇ سۆزىدە ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ خىل تۇتقۇن قىلىنىش پاجىئەسىنىڭ ئاللىقاچان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئورتاق پاجىئەگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنداق شارائىتتا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىلگەن ئەھۋللارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپات بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.