كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جانلىق مىسالى - «مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشكە ماسلىشىش ئۇقتۇرۇشى»

0:00 / 0:00

بۈگۈن دۇنيا ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى كۈنى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن ھەق ۋە ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. خىتاي ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل تەشكىلاتلارغا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەپ تۈرمىلەرگە تاشلىماقتا. ھەتتا ئەيىبلەنگەن كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ جازالىماقتا. خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرىنى بىز يېقىندا قولغا چۈشۈرگەن بىر ئۇقتۇرۇشتىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خوتەن لاڭرۇ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى زاكىر ياسىن ئىسىملىك ياشنى ئېزبوتەھرىر تەشكىلاتىغا چېتىشلىق دەپ بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قول قويدۇرۇپ، تارقىتىپ بەرگەن «مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشكە ماسلىشىش ئۇقتۇرۇشى» دا ئەگەر ئۆزىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە مەلۇم قىلمىسا، تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقى يېزىلغان. ئۇلار مۇنۇلار:

  1. مەزكۇر كىشىنىڭ نوپۇسى بىكار قىلىنىدۇ.
  2. مەزكۇرنىڭ نامىدىكى ۋە ئائىلىسىگە تەۋە بولغان يەرلەر قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.
  3. بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
  4. ئۆي-جايى چېقىپ تۈزلىۋېتىلىدۇ.
  5. بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاستىغا ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئىمزاسى، كەنت سېكرېتارىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ۋە لاڭرۇ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تامغىسى بېسىلغان.

بىز بۇ ئۇقتۇرۇش توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن، قەشقەر قاغىلىق ناھىيىسىدىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، قانۇنشۇناس مەمەت ئوغۇزى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئۆزى كۆرگەن مىساللار بىلەن بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.