0:00 / 0:00
«ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى» مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدىكى نۋېتەل مېھمانخانىسىدا باشلىنىپ، 21 - ئاپرىل كۈنى ئىككىنچى كۈنلۈك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.
ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە، قازاقىستان،شۋېتسىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە نەق مەيداندىن گۈلشەن ئابدۇقادىر ئۇچۇر بېرىدۇ.