كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تىركىشىش ۋە تىرەجەشلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك شەكىل ۋە تۈرلۈك سەھنىلەردە داۋام قىلماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋۋال كۇچا قاماقخانىسىدا باشياغلىقلىق بىر گۇماندار بىلەن دوپپىلىق بىر ساقچى خادىمى ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن كەسكىن تالاش-تارتىش ئەنە شۇ مىڭلارچە سەھنىلەردىن بىرىدۇر.
ئورۇن: كۇچا بازارلىق قاماقخانا، گۇماندار باشياغلىقلىق ئارزۇ نۇرمەمەت، ئۇ دوپپىلىق ساقچىنىڭ ياغلىقنى ئېلىۋېتىش بۇيرۇقىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ۋە ئىككى سائەتلىك تىركىشىش نەتىجىسىدە قاماقخانىدىن ساقچىلارنى باشياقلىقىغا چېقىلغۇزماي يېنىپ چىقىدۇ.
ئارزۇ نۇرمەمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بېشىغا ياغلىق ئارتقان ۋە ئۇچىسىغا ئۇزۇن يەڭلىك كوپتا كىيگەنلىكى ئۈچۈن « غەيرىي كىيىنىۋېلىش» ۋە ئەسەبىيلىشىش گۇمانى كوچىدا تۇتۇۋېلىنغان ۋە قاماقخانىغا ئاپىرىلغان. قاماقخانىدا دوپپىلىق بىر ساقچى ئۇنى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇغان. ئارزۇ نۇرمەمەت « ئەمىسە، سىز دوپپىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ، ئاندىن مەن ياغلىقىمنى ئالاي » دەپ جاۋاب بەرگەن. ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ بىر تويدىن قايتقانلىقىنى ۋە دوپپا كىيىشنىڭ ئۆرپ - ئادەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئارزۇ نۇرمۇھەممەت، ياغلىق ئارتىشنىڭ ئۆزىنىڭ كىيىنىش ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ساقچى خادىمى ئۇنى جۇڭگونىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن، ئارزۇ نۇرمەمەت ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تۇڭگان قىزلارنىڭ باشياغلىق بىلەن يۈرىدىغانلىقىنى، خىتايدا ئۇنداق قانۇننىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان؛ ئارقىدىن ساقچى خادىمى بۇنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئارزۇ نۇرمەمەت ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە بىرنەچچە يىل ياشىغانلىقىنى ۋە ياغلىقىنى ئوخشاش شەكىلدە چېكىپ يۈرگەنلىكىنى، بۇنى ھېچكىمنىڭ توسمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاخىرىدا ساقچى ياغلىق چەكلىمىسىنىڭ ئاقسۇنىڭ قانۇنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ئېلىۋەتمىسە مەجبۇرىي ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارزۇ نۇرمەمەت « مەن گېپىڭلارنى ئاڭلىشىم ئۈچۈن يا بىر تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆرسىتىشىڭلار كېرەك، ياكى قەيەرنىڭ بولسۇن، قانۇندىن بىر ماددىنى كۆرسىتىشىڭلار كېرەك، مەن جۇڭگو پۇقراسى، ھەر قانداق قانۇنغا بويسۇنىمەن، قانۇنسىز ھېچقانداق بۇيرۇققا بويسۇنمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاخىرى ساقچى خادىمى « بەك گەپ تالىشىدىغان قىزكەنسىز، چىقىپ كېتىڭ » دېگىنىچە قويۇۋەتكەن.
ئارزۇ نۇرمەمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋەقە بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن، كۇچانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر. ئۇ نۆۋەتتە تۇتۇلغانلارنىڭ يۇقىرىقىدەك گەپ تالىشىش ئەمەس ۋە گەپ قىلىش ۋە گەپ سوراشمۇ ھوقۇقى يوقلۇقىنى، ھەتتا تۇتۇلغانلارنىڭ بىر يىلغىچە سورالمايدىغانلىقىنى، بىر يىلدىن كېيىن ياغلىق چەككەنلىكى ئۈچۈنلا بىرقانچە يىللىق كېسىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىقى ساقچى خادىمى نۆۋەتتە كۇچادا ساقاللىق ۋە ياغلىق چەككەنلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق، ئارزۇ نۇرمەمەتنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى دەلىللىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.