مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر داۋاسىدا يېڭى ئۈمىدلەرنى پارلاتماقتا

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن تەشۋىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسى مۇساپىلىرىدە قانداق قەدەملەرنى ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، بۇ جەھەتلەردە ئەندىشىلىك ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى رېئاللىق بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈمىدلىك نوتىلارنىڭ يېتىلىۋاتقانلىقى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر ئەھۋالدۇر. 15-مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 17 شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىدا مۇھاجىرەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە چۇشلۇق تەشكىللەش قابىلىيىتى ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىدا ئىرادە قەشقىرى، ئايدىن ئەنۋەر، ھاجىنۇر سېتىۋالدى قاتارلىق ياشلارنىڭ جەڭگىۋار ۋە تەسىرلىك نۇتۇقلىرى ھېلىھەم شۇ قېتىملىق نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ يادىدا. ئۇلار، شۇ ئارقىلىق ب د ت بىناسى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگىلا ئەمەس، نامايىشقا قاتناشقىلى كەلگەن تەڭ قوراملىق بوغۇنلارغىمۇ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە داۋام قىلىۋاتقان مىسلىسىز باستۇرۇشلار ھەققىدە ئۇنتۇلماس مەلۇماتلارنى ئاڭلاتتى. نامايىشچىلار سېپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئۇيغۇرىيە ئەسئەت بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى ياشلارنىڭ نۇتۇقلىرىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
شۇ قېتىملىق نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىرجىنىيە شتاتىدىن نيۇ-يوركقا بارغانلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئارافاتمۇ ھازىر ئۆزىگە ئوخشاش مۇھاجىرەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى ئۆزلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلاپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە پۇتبول ئوينايدىغان ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن تەشكىللىنىپ كوللېكتىپ ھالدا بۇ نامايىشقا كەلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىگە ئۆزلىرىنى بېغىشلىشى شۇ مەيداندىلا د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەقدىرلىشىگە مۇيەسسەر بولدى. ئۇ مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» شېئىرىدىكى مەنزىرىنى مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەنمۇ ياشلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئاكتىپچانلىقىنى قوللاش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان پىداكارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرەپدارى. ئۇمۇ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ھەرقاچان ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلارنى ئەيىبلەش، بۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكى بىلەن چەمبەرچاس مۇجەسسەملىشىپ كەتكەن مەجبۇرىيەت دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم. «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىنىڭ ئاكتىپ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ھاجىنۇر سېتىۋالدى ئەنە شۇنداق ئويلايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئۇيغۇرلۇق كىملىكى چۈشەنچىسى بولغاندا بۇ خىل مەجبۇرىيەتنى تونۇپ يېتىشنىڭ قىيىنغا چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك داۋا بولۇشى مۇمكىنلىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن سىر ئەمەس. ئەمما بۇ داۋانىڭ ئىزباسارلىرىنى تەييارلاش ۋە ئۇلارغا داۋانىڭ كېيىنكى قەدەملىرىنى قانداق بېسىشقا يول ئېچىپ بېرىش كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئۇزۇندىن بۇيان بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قەرەللىك تۈردە نەزەرىيەۋى بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەشكە قوشۇمچە قىلىپ، مۇشۇ خىلدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش ھەمدە ئۇلارغا ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىش ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىدىن نۆۋەتتە ئالاقىدار كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقانلارمۇ بەلگىلىك ساننى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ھەر ساھە كىشىلىرى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كېيىنكى ئىز باسارلىرىنىڭ «بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىنكى مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ» دېگەن ئاتىلار سۆزىدە ئېيتىلغاندەك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرمەكتە.