ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.07.13
16-Nowetlik-Uyghur-yashlirni-terbiyelesh-01.jpg 16-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 13-ئىيۇل. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

16-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا باشلاندى. كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى، د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى رەئىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندىلەر قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. كۇرسقا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان 40 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئىشتىراك قىلماقتا. كۇرس 13-ئىيۇل كۈنى يىغىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 16-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلارنى تەربىيىلەش كۇرسىنى ئېچىشتىكى مەقسەت ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنى ئىستانبۇلدا ئېچىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. 13-ئىيۇل كۈنىدىكى كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى كۇرس ئەھلىگە ئۇزاتتۇق. گېرمانىيەدىن كەلگەن د ئۇ ق خادىمى شەھرىزات غەيرەت خانىم سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. 

ئارقىدىن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئالىي ئىمىن، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى سۈبىنۇر ئۆمەر، ئابلىكىم ئەخمەت ۋە سەيپۇللا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. 

13-ئىيۇل كۈنىدىن 15-ئىيۇل كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان پائالىيەتتە «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نەزەر»، «شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدىن مەلۇمات»، «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقىمىزغا ئومۇمىي نەزەر»، «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكەتنىڭ خەلقئارا مۇھىتقا ماسلىشىشى ۋە مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك قەدەم باسقۇچلىرى توغرىسىدا» دېگەن تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنماقچى ۋە گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى. 

ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى بۇرۇن ئامېرىكا، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.