گېرمانىيەدە ئوقۇغان دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللا تۇتقۇن قىلىنغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام
2019.01.23
doktor-nebijan-hebibulla.jpg شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللا ئەپەندى.
RFA/Ilham

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي ئالىملىرى ۋە سىياسىي سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە جازا لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن سەرخىللارنىڭ ئېنىق سانىنى ئېلىشمۇ تەس بولماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ خىل تەقىبنىڭ ئەڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان ئورۇنلاردىن بىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدۇر. بۇ ئىنستىتۇتتا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تونۇلغان بىلىم ئادەملىرى توپلانغان بولۇپ، ئۇلاردىن پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان، پروفېسسور ئازاد سۇلتان، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا، پروفېسسور راھىلە داۋۇت، پروفېسسور غەيرەتجان ئوسمان ۋە دوكتور ئابدۇرېھىم راھمان قاتارلىقلار بار ئىدى. مەزكۇر ئىنستىتۇتتىكى يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، 2015-يىلىدىن بېرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتقان دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىگە قاراتقان تازىلاش خاراكتېرلىك سىياسىي تەقىبلىرىنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرىدۇر.

دوكتور نەبىجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جامائەتچىلىككە مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاچان، قايسى يەردە ۋە نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار بولماي كەلگەن ئىدى.

دوكتور نەبىجاننىڭ ھازىر مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن بىرى يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

ئۇ دوكتور نەبىجان بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئالىمىزغا جاۋابەن تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى مەلۇم ئەۋەتكەن ئىدى: «مەن گېرمانىيەدە ئوقۇغان نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن بولىمەن. ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتىمەن.»

بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ، دوكتور نەبىجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى مۇنۇ مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق: «2018-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى مەن نەبىجان بىلەن سۆزلەشكەن ئىدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلار ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن سورايدىغان سوئاللىرى بارلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن جىددىيلىشىپ كەتكەن نەبىجان شۇ كۈنىنىڭ ئەتىسى، يەنى 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى ئېلىپ، قايتىش تەييارلىقىغا چۈشۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. ئۇنىڭ تېلېفونى ۋە باشقا ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى تاقىلىپ، مېنىڭ ئۇرغان تېلېفونلىرىم ۋە يوللىغان ئۇچۇرلىرىم جاۋابسىز قالدى …»

كېيىنكى تېلېفون سۆھبىتىمىز جەريانىدا نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ قىزدىن دوكتور نەبىجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبلىرىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ساقچىلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ. ئۇ چاغدا نەبىجان خوتەندە ئىدى. ئۇنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ھازىرغىچە دەپ بەرمەپتۇ. باشقىلارنى سوراق قىلىپ ئۆيىدىكىلەرگە ئازراق خەۋەر بېرىدىغانمۇ ئوخشايدۇ. بىراق ئۇنىڭدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق گەپ يوق. نەبىجان ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللانىڭ قولىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان ئىدى. ئارسلان مۇئەللىمنى تۇتقاندا مەن ئۈرۈمچىدە ئىدىم. بۇ بەلكىم 12-ئاي بولسا كېرەك. مېنىڭ ئويۇمچە، نەبىجان ئارسلان مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا، ئۇنى ئارسلان ئابدۇللاغا چېتىپ تۇتقۇن قىلغان بولسا كېرەك. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر پروفېسسورلارنى تۇتقۇن قىلغان ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە بار ئىدىم. ئۇلارنى سوراق قىلىپ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلىرىغا چېتىپ ھەممىسىنى تۇتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم…»

ئۇ دوكتور نەبىجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن قانداق خەۋەر تاپقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ نەبىجان بىلەن 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرقى قېتىم توردا خەۋەرلەشكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن نەبىجاندىن قايتا خەۋەر بولمىغانلىقى ئېيتتى.

دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللا 1983-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان نەبىجان 2002-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ خىتاي تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 2002-2004-يىللىرى لوپتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ 2006-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي تىلى كەسپى بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى، 2010-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللانىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىيالېكتىدا قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ ئېلېمېنتلىرى» ناملىق ماگىستىرلىق ماقالىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقلىغان. 2011-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن. 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە گېرمانىيە گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا فاكۇلتېتىدا «خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە بۇددىزم ئەسەرلىرىدىكى پېئىللارنىڭ لېكسىكىلىق ۋە سېمانتىكىلىق ئالاھىدىكى» دېگەن تېمىدىكى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەنى يېزىشقا باشلاپ، 2015-يىلى 6-ئايدا بېيجىڭدا تاماملىغان.

نەبىجان ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ئىنستىتۇتىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت دەرىجىلىك، بىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە بىر ئۇنىۋېرسىتېت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ يەنە ئىلمىي ژۇرناللاردا بىر قاتار يۇقىرى سەۋىيەلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۆز كەسپى بويىچە تونۇلۇشقا باشلىغان ياشلارنىڭ بىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.