گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى پاجىئەسى قىزىق تېما بولماقتا.
گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى دائىما ئەڭ قىزىق تېما ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. 18-سېنتەبىر 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى قاتناشقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 4-بۆلۈمىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن ئاۋسترىيە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، فىنلاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى جىددىي تەلەپ قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ، گېرمانىيە ئەلچىسىنىڭ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشتىكى تەلەپپۇزى ۋە پوزىتسىيەسى كۆرۈنەرلىك كەسكىن بولغان، بۇ سەۋەبلىك خىتاي ۋەكىللىرى گېرمانىيەگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن، «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى، بۆلگۈنچىلەرنى قوللىدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. شۇندىن بۇيان، گېرمانىيەدىكى ئا ر د، ز د ف قاتارلىق داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا لاگېرلار مەسىلىسى يەنىمۇ كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى.
گېرمانىيەدىكى مەشھۇر سىياسىي ژۇرنال «ئەينەك» تە، ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى باش تېما قىلىنغان: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا زوراۋانلىقى: ھەدە، ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مېنى ئىزدىمە» ناملىق زور ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىتىلىدىغان، تىراژى قانچە مىليوندىن ئاشىدىغان بۇ ژۇرنال 20-ئىيۇل كۈنى يەنە جازا لاگېرلىرى توغرىلىق «بۇنداق نازارەت ئاستىدىكى دۆلەتنى دۇنيا ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى.
مەزكۇر ماقالىنى «ئەينەك» ژۇرنىلى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋانېسسا ستەئىنمەتز خانىم يازغان. ئۇ ئىلگىرى، ئا ر د تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇستەقىل دوكلاتچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان بولۇپ، «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دىمۇ بىر مەزگىل ئوبزور ئېلان قىلىپ شۆھرەت قازانغان.
«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا زوراۋانلىقى: ھەدە، ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مېنى ئىزدىمە» ناملىق ئەسەردە، مالايشىيادىكى ئوقۇشىدىن 2017-يىلى دېكابىردا ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقان گۈلگىنە تاشمەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشتەك پاجىئەلىك قىسمەتلىرى يىپ ئۇچى قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ميۇنخېندا ياشايدىغان ھەدىسى گۈلزىرە تاشمەمەت تەمىنلىگەن بەزى ئۇچۇرلار ئەسەرگە مۇقەددىمە قىلىنغان.
ئەسەردە، ھەدىسى گۈلزىرەنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە توسۇشىغا قارىماي مالايشىيادا ئوقۇۋاتقان گۈلگىنەنىڭ تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى، ئۇ يۇرتىغا قايتىشتىن ئىلگىرى ھەدىسىگە «ھەدە، ئەگەر ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مېنى ئىزدىمە» دېگەنلىكى، تاكى ئۇ قايتقان 2017-يىلى دېكابىردىن بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغانلىقى بايان قىلىنىپ، زور ئېھتىمالدا ئۇنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى قىياس قىلىنىدۇ. ئەسەردە بۇنىڭغا ئۇلاپلا، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر 10 ئۇيغۇردىن بىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ يىل 3-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن غەيرەت ئىسىملىك بىرىنىڭ 6 مىڭ كىشى قامالغان لاگېردا ياتقانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقى پاكىت قىلىنىدۇ.
ئەسەردە، لاگېردىكىلەرگە قوللىنىۋاتقان جازا تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، بۇنىڭ ئىچىدە جازا لاگېرلىرىدىكى گۇندىپايلارنىڭ مەھبۇسلارنى 12 سائەتلەپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ قىينايدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى غىپ-يالىڭاچ قىلىپ قويۇپ رەسىمگە تارتىدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ ھەر تائامدىن ئىلگىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدىغانلىقى، كومپارتىيەنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدىغانلىقى، لاگېرغا تىرىك كىرىپ، ئۆلۈك چىقىدىغان ئىشلارنىڭ دائىملىق ھادىسە بولۇپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ لاگېر تەھدىتى ئاستىدا ئەندىشە ئىچىدە ھايات كۆچۈرۈۋاتقانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئاۋازى ئۆچكەن كۈنى، ئۇلارنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن شۈبھىلىنىدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
مەزكۇر ئەسەر ئۈچۈن ئاپتورنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈلزىرە خانىمنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، سىڭلىسى گۈلگىنەنىڭ پاجىئەلىرىگە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قىزىقىۋاتقان گېرمان قەلەمكەشلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ بارماقتا ئىكەن ھەمدە ئۇنى زىيارەت قىلماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەرىتىسى، لاگېرلارنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەتلىرى، ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زوراۋانلىق قىياپەتلىرى ئەكس ئەتكەن 12 پارچە رەسىم كىرگۈزۈلگەن بۇ ئەسەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى نىسبەتەن كەڭ تونۇشتۇرۇلغان. بۇلارغا قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىقى سۈپىتىدە 2013-يىلى بېيجىڭدا بومبا پارتلاتقانلىقى، 2014-يىلى كۈنمىڭدا 31 خىتاينى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەنلىكى، خىتاينىڭ تىبەتتىكى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگونى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش شوئارى ئاستىدا جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى مىللەت سۈپىتىدە جازالاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ئەسەر ھەققىدە توختالغاندا، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا بارغانسېرى جىددىي قىزىقىۋاتقانلىقىنى، خىتاي يوشۇرۇۋاتقان ياكى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشقا پېتىنالمايۋاتقان لاگېرلارغا ئائىت پاكىتلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
گۈلزىرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيەدىكى مەشھۇر گېزىتلەردىن «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى گېزىتى» نىڭ بىر يازغۇچىسى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ، جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، لاگېرلار مەسىلىسى توغرىسىدا زور ھەجىملىك بىر ئەسەر ئېلان قىلغان. ئۇ سۆزىدە، سىڭلىسى گۈلگىنە تاشمەمەتنى ئىزدەش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى دادىل ئاشكارىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00