قەلبىنۇر: يېتىملەر ئارىسىدىن قىزىمنى تونۇۋالدىم

0:00 / 0:00

«مەن بالىلارنى ئېلىپ كېلەي» دېگىنىچە ئۈرۈمچىگە قايتقان ئېرى خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، قارانچۇقسىز قالغان بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالماي كېلىۋاتقان ئىستانبۇلدىكى 35 ياشلىق دەردمەن ئانا قەلبىنۇر تۇرسۇن، يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە توپىدا تارقالغان مەلۇم دارىلئېتامدىكى يېتىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىدىن 6 ياشلىق قىزى ئايشەنى تونۇپ قالغان. ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان 5 بالىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالماي كەلگەن قەلبىنۇر «ھېچ بولمىسا بىر قىزىمنىڭ تىرىكلىكىنى بىلدىم» دەيدۇ. قەلبىنۇر مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەگە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئىككى يىلدىن ئارتۇق يۈز كۆرۈشمىگەن، قەيەردىلىكى ھەتتا تىرىك ياكى ئۆلۈكلىكىنىمۇ بىلەلمەي كېلىۋاتقان بالىسىنىڭ سۈرىتىنى يېتىم بالىلارنىڭ ۋىدىيوسى ئارىسىدىن تونۇپ قېلىشنىڭ بىر ئانا ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولمىسا كېرەك.

«كۆرۈپلا تونۇۋالدىم، قاراشلىرى، كۈلۈشلىرى قىلىقلىرى ھېچ ئۆزگەرمەپتۇ بالامنىڭ، ھېچبولمىسا بىر قىزىمنىڭ بولسىمۇ تىرىكلىكىنى بىلدىم، تىرىك ئايرىلىش يامانكەن، يامانكەن. . .» دەيدۇ ئېسەدەپ تۇرۇپ قەلبىنۇر. چۈنكى ئۇ، ئاشۇنداق ئائىلىسى پارچىلىنىپ، يۈرەك پارىلىرى بولغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنىمۇ بىلىشكە ئامالسىز قېلىپ ئازاب ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بىرى.

ئىستانبۇلدا ئىككى بالىسىنى تىككۈچىلىك قول ئىشلىرى بىلەن تىرىشىپ بېقىپ، بىر تەرەپتىن ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشنىڭ غېمىدە يۇرتىدا قالغان بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كېلىۋاتقان قەلبىنۇر، ئۆتكەن يىلى 24-دېكابىر كۈنى قول ئىشىدىن ئارام ئالغۇدەك ۋاقتى چىققاندا تېلېفونىدىكى قېرىنداشلار توپىدا تارقىتىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-ئەھۋاللىرىغا ئائىت چاپلانمىلارنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم بىر يېتىمخانىدىكى بالىلارنىڭ ۋىدىيوسى ئىكەن دەپ چاپلانغان بىر سىن كۆرۈنۈشىنى باسىدۇ. ئۇ، ۋىدىيونى كۆرۈپلا يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالىدۇ ۋە «ئائىشە! بۇ مېنىڭ ئائىشەيىم. مېنىڭ جېنىم بالام. . . ئاللاغا شۈكۈر سەن ھايات. . . !» دەيدۇ.

ئەسلى يۇرتى قەشقەر يوپۇرغىدىن بولغان قەلبىنۇرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ قىزى ئائىشەنى 3 يېرىم ياش ۋاقتىدا يۇرتىدا يەنە 2016-يىلى 4-ئايدا قويۇپ چەتئەلگە چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ، ئەينى چاغدا بەش بالىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ پاسپورتىنى بېجىرەلمىگەن. ئۇ، بىر قانچە ئايلىق بولغان ھامىلىسىنى، خىتاينىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ۋە تىرىكچىلىك يولى ئىزدەش ئۈچۈن، ئامال قىلىپ پاسپورت ئىشلەتكەن، ئەپسۇس پەقەت ئۆزى ۋە يولدىشى ئابدۇرېھىم روزى، 5 بالىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرلا بالىسىنىڭ پاسپورتىنى ھەل قىلالىغان بولغاچقا 3 يېرىم ياشلىق ئائىشە ۋە باشقا بالىلىرىنى يولدىشىنىڭ ئىنىسىغا قويۇپ قويۇپ، تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن.

بىراق بىر قانچە ئايدىن كېيىن قەلبىنۇر كەنجى بالىسىنى يەڭگىگەندىن كېيىن ئېرى «ئەمدى قالغان بالىلارنى ئامالىنى قىلىپ ئېلىپ كېلەي» دەپ كەتكىنىچە، قايتىپ كېلەلمىگەن.

قەلبىنۇرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىگە قارىغاندا، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى سېتىپ، ئۈرۈمچى ۋە يوپۇرغىدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان يولدىشى تەرەپنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن چوڭ بىر جەمەت بولۇپ، ھازىر تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋە بالىلارنىڭ سانى 80دىن ئاشىدىكەن. ئۇ يۇرتتىكى ئائىلىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالاقىلەشكەن بولۇپ، شۇ چاغدا تۇغقانلىرى ئۇنىڭ يولدىشى-46 ياشلىق ئابدۇرېھىم روزىنىڭ گۇناھسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈركىيەگە كەلگىنى ئۈچۈنلا 10 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى، قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنىڭ بولسا ئۈرۈمچىدىن، دائىرىلەر تەرىپىدىن نوپۇستىكى ئەسلى يۇرتى تەۋەلىكىگە يەنى يوپۇرغا ناھىيە تېرەم يېزا 3-كەنتكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن، ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقايسىسىدىن خەۋەر ئالالمىغان.

قەلبىنۇر قىزىنى تونۇۋالغان ۋىدىيونىڭ خوتەندە تارتىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ ئۇققان. ئۇ گەرچە قىزىنىڭ تىرىكلىكىدىن كۆڭلى ئەمىن تاپقاندەك بولسىمۇ يۇرتى يوپۇرغىغا ئېلىپ كېتىلگەن قىزىنىڭ خوتەندىكى دارىلئېتام بالىلىرى ئارىسىدا كۆرۈنۈشىدىن «بالىلارمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلىپتۇ-دە» دېگەنلەرنى ئويلاپ كۆڭلى غەش بولغان.

قەلبىنۇرنىڭ ۋىدىيودىن تونۇۋالغان قىزى ئائىشە بولسا 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 22 كۈنى يوپۇرغىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلارنىڭ 5-سى ئىكەن.

ئاتا-ئانىسى تەڭلا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكتىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھايات تىرىك يېتىملەرگە ئايلىنىۋاتقانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان ئەڭ زور ۋە ئېچىنىشلىق مەسىلىنىڭ بىرىدۇر. يېتىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتچىلىكتىمۇ زور ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ھازىرغىچە قانچىلىك بالىنىڭ قارانچۇقسىز قالغانلىقى ياكى دارىلئېتاملاردا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق.

ئەمما قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنىڭ ھەتتا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىدەك ۋەقەلەرمۇ پاش بولماقتا.

تېخى يېقىندا، 24‏-دېكابىر كۈنى جەسىتى ئۆستەڭدىن بايقالغان ئىككى ياشلىق بالا، يەنى قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان رەخمىتۇللانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر يېرىم يىلدىن بۇيان قاراقاشتىكى بوستانكۆل لاگېرىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

قەلبىنۇر، خىتاينىڭ 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەر بىلەن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغاندىن بۇيان ئائىلىسى خانى-ۋەيران قىلىنغان، مۇھاجىرەتتە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئانىلارنىڭ ۋە پىغاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت بىر مىسالى.