ئاتۇشتىكى بىر يەرلىك ئاھالە: «ھازىر ئاتۇشتەك يەردە مەسچىت نېمە ئىش قىلىدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.03.01
cheqiwetilgen-meschit-jame.JPG شايار ناھىيەسىدە چېقىۋېتىلگەن مەسچىت. 2016-يىلى كۈز.
Oqurmen Teminligen

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017‏-يىلىدىن باشلانغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاتۇشتىكى ئاتاقلىق دىنىي زات ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ جەمەتى نۇقتىلىق تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. مەزكۇر جەمەتتىن ئاز دېگەندە 50 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئاز دېگەندە 50 تەك نەۋرە ۋە چەۋرىلىرىنىڭ ئىچىدە ئابلىمىت خالىس ھاجىم، ئابدۇرېشىت ھاجىمدەك جەمئىيەتكە تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر زاتلار، دوختۇرلار، ئىنژېنېرلار ۋە ئۇتۇقلۇق تىجارەتچىلەر بار ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئەمەت خېتىپھاجىمدىن قالغان ئاتۇشنىڭ ئازغان كەنتىدىكى ئاتا مىراس قورۇسىنى پېچەتلىگەن. شۇنىڭدەك يەنە بۇ ئائىلىنىڭ ئازغان كەنتىگە سالغان مەسچىتىنى چېقىۋەتكەن.

يېقىندا ئاتۇشتىكى بىر يەرلىك دېھقان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ قورۇسىنىڭ پېچەتلەنگەنلىكى، بۇ ئائىلىنىڭ 1980‏-يىللىرىدا ئازغانغا سالغان مەسچىتىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. مەزكۇر ئۇچۇر خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى دۆلەتلەردىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە رادىكال سولچى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنى ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ، «مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بىر ۋاقىتتا دەلىللەنگەن ئىدى. ئاتۇشتىكى يۇقىرىقى يەرلىك ئاھالە مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە، «ھازىر ئاتۇشتەك بىر يەردە مەسچىتنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى. 

يەرلىك ئاھالە: «ئەمەت خېتىۋاجىكامنى بىز تونۇمايمىز، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن، بالدۇرقى ئادەملەر. ھازىر ئۇ قورۇدا ئادەم يوقمىكى، دەيمەن. ھەئە، يوق. قورۇ بولغان بىلەن ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىقلىق. لېكىن دادۈي ئۆگىنىش مەركىزى قىلدى، دېگەن ئۇنداق ئىش يوق، ھازىر دادۈي كەڭرى تۇرسا. بىراق، ئادەملەرنىڭ ئۆيىگە قۇلۇپ سېلىقلىق. ئۇ قورۇدىكى تۇرسۇناخۇن، دېگەن ئادەم يوق. ھازىر باشقا يەردىن كېلىپ ئولتۇرىدىغان ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەممىنى يۇرتىغا ھەيدىۋەتتى. ھازىر ئىككىلا قورۇغا قۇلۇپ سېلىقلىق. ھېچكىم يوق ئۇ قورۇدا ئولتۇرىدىغان». 

مۇخبىر: بۇ قورۇنىڭ بالىلىرىچۇ، نەگە كەتتى ئۇلار؟ 

يەرلىك ئاھالە: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يەردە ئوقۇۋاتىدۇ، تەربىيەلىنىۋاتىدۇ ھەممىسى. ھېتىۋاجىكام ئۆلىما ئادەم، شۇڭا ئۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇۋاتىدۇ. ھازىر جىق ئوقۇۋاتقانلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇۋاتىدۇ. قايسى بالىلار ئوقۇۋاتىدىكىن، ئىشقىلىپ ھەممە ئادەمنىڭكىدە بار بىر-دىن ئىككىدىن ئوقۇۋاتقانلار. شۇڭا، ئۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئوقۇيدۇ، دەڭا. ھازىر ئۇ قورۇنىڭ ئىشىكى ئېتىگلىك ئاساسەن. ھازىر 2 يىلدەك بولدى، شىنجاڭدا ماۋۇ ئىشلارنىڭ باشلانغىنىغا. ئۇ ئائىلىنىڭ كىتابلىرىغا قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىز ئۇقمىدۇق. ئۇ يېنىغا سېلىنغان مەسچىت نېمە قىلاتتى ھازىر؟. مەسچىت يوق، چېقىپ بولدى. مەسچىت نېمە ئىش قىلاتتى ھازىر ئاتۇش دېگەن يەردە؟.» 

ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ ئازغان كەنتىدىكى قورۇسىنىڭ يېنىغا سېلىنغان مەزكۇر مەسچىتنى ئۇنىڭ ئوغلى ھاجى مۇھەممەت ئەپەندى سالغان. ھاجى مۇھەممەت ئەپەندى خېلى يىللار ئۆزى ئىماملىقىنى قىلغان مەزكۇر مەسچىت 2011‏-يىلى يېڭىلانغان ئىدى. ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ ئائىلىسى ۋە مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر مەسچىت يېڭىلانغان ئۆز ۋاقتىدىلا «مەسچىتنى بەك كۆركەم قىلىۋېتىپسىلەر» دەپ كاشىلا چىقارغان ئىكەن. 

ئۇيغۇر ئايال: «ئەمەت خېتىپھاجىم ئۆتكەن، ھازىر ئۇلار ئىگىلەپ مەكتەپ قىلىۋالدى دېگەن ئۆي. ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ دادىسى مۇھەممەت ھاجىم دېگەن ئادەملەر ئۆتكەن ياخشى ئادەملەر. بۇ، ھېچبىر ئادەمگە زىيىنى يەتمەيدىغان، خەلققە پايدىسى يېتىدىغان 5 ئەۋلاد تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۆي. 80‏-يىلى بىر مەسچىت سالغان ئاشۇ ئۆينىڭ يېنىغا. ئازغان دادۈي، 8‏-شاۋدۈيدە. بۇنى، 78‏-يىلىمۇ، 80 ‏-يىلىمۇ رەسمىي قانۇنلۇق قىلىپ، ئىنتايىن تەستە تەستىقلىغان بولسىمۇ سالغان ئۆستەڭنىڭ بويىغىلا. ئۇ مەسچىتنى 2011‏-يىلى شۇنداق يول مېڭىپ، قانۇنسىز قىلماي، قانۇنلۇق، دەپ تەستىقلىتىپ يېڭىلاپ سالغان. 2017‏-يىلى 6‏-ئايدا 1-قېتىم شۇ مەسچىتنى چېقىۋېتىپتىكەن. بىر باشتىن ئۇرۇق-تۇغقانلارنى تۇتۇشقا باشلىغاندىلا مەسچىتنى چىقىۋېتىپتۇ تۈزلىۋېتىپتۇ دېگەننى ئاڭلىدۇق. ئۇنى قايتىدىن سېلىشتا 2-3 شاۋدۈينىڭ ئادىمى پاتقۇدەك دائىرىدە ياغاچ-تاشلىرىنى قايتىدىن چېقىپ تۈزلەپ سالسا، شۇ ۋاقتىدىلا ‹بىز رۇخسەت قىلغان دائىرىدىن ئاشۇرۇۋېتىپسىلەر› دەپ خاپا قىلىپتىكەن.» 

ئەھۋالدىن خەۋەردار يۇقىرىقى خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئائىلىنىڭ چەتئەلدىكى پەرزەنتلىرىنى بەڭ قاتتىق ئۆكۈندۈرگىنى ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىنىشى ئەمەس، بەلكى بوۋىسىدىن قالغان نەچچە يۈز يىللىق كىتاب ۋە ھۆججەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەن. ئۇ، بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانغا چېتىلىدىغان تامغا ۋە ھۆججەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. 

ئاتۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۇنىڭ ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرىدۇر. دائىرىلەر بۇ قېتىمقى باستۇرۇشتا دىنىي زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا زەربە بېرىپلا قالماي، ئوخشاشلا تىجارەتچىلەرگە زەربە بەرگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر 2017‏-يىلى ئاتۇشلۇق ئاتاقلىق ئۆي مۈلك سودىگىرى ئىمىنجان ھاجىمنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭ 17 مىليارد يۈەنلىك مال-مۈلكىنى تارتىۋالغان. ئۇنىڭ ئۆزى باج قاچۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆتكەن يىلى سوتلانغان. ئىمىنجان ھاجىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «مىراج» شىركىتىنىڭ شېرىكى ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ قۇدىسى ئىكەن. مەلۇم بولغاندەك ئابدۇرېشىت ھاجىم ئاتاقلىق دىنىي زات ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ نەۋرىسى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.