ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2016-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىدا، خىتاي «ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەم جىنسىي ئەتكەسچىلىكنىڭ مەنبەسى، نىشانى ۋە ئۆتكۈنچى بېكىتى» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىدا، خىتايدىكى 294 مىليوندىن ئارتۇق ئاقما نوپۇس جىنسىي ئەتكەسچىلىك ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ ئاسان قۇربانىغا ئايلىنىدىغان ئىجتىمائىي توپ بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەشنىڭ ئەقەللىي ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ خىتاينىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئىزچىل 2-دەرىجىلىك كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىشىدۇر.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىدىكى كونكرېت ئەندىشىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جون كەرىي مۇنداق دېدى: «دۆلەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ دەرىجىگە ئايرىش ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە خاتىمە بېرىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭدا سىياسىي ۋە باشقا جەھەتتىكى ئامىللار ھېسابقا ئېلىنمىدى. مەن ئېيتقاندەك ئۇنىڭدا پەقەت ئۆلچەم ئاساس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەتلەرنى دەرىجىگە تۇرغۇزغاندىن باشقا، بىزنىڭ كونكرېت ئەندىشىلىرىمىز ھەم خىزمىتىمىزنى ياخشى قىلىشنىڭ يولى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ دوكلات پەقەت بىر رەسمىيەت، دەپ قارىلىپ قالمىسۇن. ئۇ بىزنىڭ چەك-چېگرامىز، نىيەت-ئىقبالىمىز، باھالاش ئۆلچىمى ۋە دەرىجىگە ئايرىش خىزمىتىمىزنى ئىپادىلەيدۇ.»
ئامېرىكىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىدا، كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىش خىتايدا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بەزى رايونلاردا بۇ ئەھۋال خىتاي دۆلىتىنىڭ قوللىشىدا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنى «قانۇنسىز پائالىيەتلەر» گە ئارىلىشىپ قالمىسۇن، دېگەن سەۋەب بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، «شىنجاڭدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ۋە ئاياللارنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچىدە ۋە سىرتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى» قەيت قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك-ھاشارغا سېلىش مەسىلىسى يەرلىك خەلق ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل نارازىلىقىنى قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دېھقانلار ئۈستىدىكى بۇ يۈكنى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى.
كانادادا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ھاشارنى تىلغا ئېلىنىشى ھاشارنىڭ بىكار قىلىنىشىدا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
مەمەت توختى: «بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى ئۇزۇن بولغان، لېكىن قانداقتۇر خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىگە تازا ئېتىبار بەرمىدى. بەلكى، ئېتىبار بەرمەسلىكىنىڭ سەۋەبى خەلقلەردىكى ھازىرقى دەۋردە بۇنداق بىر ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دېگەن چۈشەنچە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بۇ مەسىلىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى گېزىت-ژۇرنال ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنىڭ دىققەت-ئېتىبار قوزغاشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھاشارنى توختىتىشتا بەلكىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ئىجابىي رول ئويناپ قېلىشى مۇمكىن» دېدى.
مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھاشار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ تۇرۇۋاتقان ئېغىر مەنىۋى ۋە جىسمانىي يۈكتۇر. ئۇ، ھاشارنى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» دەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھاشار ئارقىلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى كونترول قىلماقتىكەن.
مەمەت توختى: «ھاشارغا سېلىش ھازىرقى زامان دۆلەت قانۇنلىرىدا ھېچقانداق ئورنى بولمىغان بىر ئۇقۇم. ئۇ ھەتتا ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىنغىنى يوق. بۇ ئىنسانلار مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇلارغا ھەق تۆلەنمەيۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھەق-ھوقۇقىغا دۆلەت ئېتىبار بەرمەيۋاتىدۇ ياكى دىققەت قىلمايۋاتىدۇ. ئۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ ھەم قۇللۇق ھەم كونترول. چۈنكى، سېنىڭ ھېچبىر ھەق-ھوقۇقۇڭ يوق. مەن بۇيرۇغانغا ياق، دېيىش ھوقۇقۇڭ يوق. مەن بۇيرۇغان بۇ ئىشنى قىلىسەن، دەپ دائىرىلەرنىڭ دېھقانلارغا قويغان پوزىتسىيەسى بۇ. دېمەككى، ئۇ دېھقانلارنى قۇل ئورنىدا كۆرۈۋاتىدۇ. ئىككىنچى بىرى، ھاشارنى مۇشۇنداق رامىزاندا ئىنسانلار روزا تۇتقاندا بۇلارنى كونترول قىلىپ، روزا تۇتقۇزماسلىقنىڭ قورالى قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. بىز ھاشارنى كونتروللۇق ۋە قۇللار ئەمگىكىنىڭ بىرلەشمىسى دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا ھاشارنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇ قارارنى ھازىرغا قەدەر ئىجرا قىلمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغاندىن كېيىن، ھازىر جەنۇبتىكى ۋىلايەت، ناھىيەلەردە كۈچەيگەن. دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل رامىزاندا جەنۇبتىكى بەزى ناھىيەلىرىدە دېھقانلارنى ھاشارغا تۇتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، خىتايدا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، جىنسىي ئەتكەسچىلىك قۇربانىغا ئايلانغاندىن باشقا، خىتايغا قوشنا ئەللەردىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە جىنسىي تىجارەت قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئافرىقىلىقلار ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي بۈگۈنكى يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى ھەرگىز سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ 21-ئەسىر، بىز ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتىدا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ جەرياندا مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن قائىدە-قانۇنلار تۇرغۇزۇلدى ھەم پەرقلەر مەيدانغا كەلدى. بىز بۇ ئىنسان جامائىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە باغلىق بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. بىراق شۇنىمۇ سەمىمىي ئېيتىش كېرەككى، بۈگۈننىڭ ئۆزىدىمۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ كۆلىمى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ پەيدا قىلغان خىرىسىنى ھەرگىز سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. بىز شۇنى ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ھالدا كۆرۈۋاتىمىز، قىزلار جىنسىي قۇللۇققا مەجبۇرلىنىدىغان، ئاياللار، ئەرلەر ۋە بالىلار ئىنتايىن ناچار شارائىتتا ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىدىغان ئەھۋال يەنىلا مەۋجۇت. لېكىن ياخشى خەۋەر، بىز بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگىمىز.»
0:00 / 0:00