ئائىلە ۋە جەمەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ قەشقەر تاختاكۆۋرۈكتىكى قاراۋۇلخانىغا بومبا ۋە پىچاقلىق ھۇجۇم ئېلىپ بارغان جەمەت باشلىقى، دىنىي مۆتىۋەر ئاتاۋۇللا داۋۇت، ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن يەنى 23-ئىيۇن كۈنى قەشقەر قوغاندىكى قەشقەر مېھمانخانىسى ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار ئاتاۋۇللا داۋۇتنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان، ئەمما ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمىغان. بىر كۈن ئاۋۋالقى ۋەقەدە ئايالى ۋە قىزى قاتارلىق 15 سەپدىشى ۋە قېرىندىشىدىن ئايرىلغان ئاتاۋۇللا داۋۇت تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ ئۆزىنى پارتلىتىۋالغان.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئاتاۋۇللا داۋۇتنىڭ جەمەتى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىدىن 60 نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان، تۇتقۇنلار نۆۋەتتە يېڭىشەھەر ناھىيەلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ قولىدا سوراق قىلىنماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلايسىلەر.