خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»، «ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا زەربە بېرىش» قاتارلىق ناملاردا ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى يەنە كۈچەيتتى.
بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشقان مەزگىلدە ئۇيغۇر تورلىرىغا قارىتىلغان نازارەت ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇنداقتا 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر تورچىلىقى قانداق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىدى؟ ئەينى چاغدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى قانداق؟ يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە راۋاجلانغان تور بېكەتلىرىنىڭ ئەھۋالىچۇ؟ ئۇيغۇر تورچىلىقىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ، چەتئەللەردىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا بۇ ھەقتە ماقالە، ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئەزىز ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 1 يىلغا سورۇلغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» قوزغايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2 ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ خىل زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەڭ شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلدى. دائىرىلەر بۇ قېتىمقى تۇتقۇن ھەرىكىتىدە «تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئۇچۇر، چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى تەشكىلات خەۋەرلىرىنى تارقاتقۇچىلار ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلار ۋە كۆرگۈچىلەر جازالىنىدۇ» دېگەندەك ئۇقتۇرۇشلارنى چىقىرىپ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلدى. خوتەن قاتارلىق جايلاردا دائىرىلەر ئالاقە ئۇچۇرى ۋىچات يەنى ئۈندىدارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى. خىتاي دائىرىلىرى ئۆزى ئېلان قىلغان ئىككى ئاي ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىنتېرنېتتا ۋە تېلېفوندا ئۇچۇر يوللىغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنىپ ئېغىر جازالار بېرىلگەن ئۇيغۇرلار زور سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى مەلۇم.
بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشقاندىن بۇيان، دائىرىلەرنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا بولغان كونتروللۇقى كۈچەيگەندىن باشقا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن سانى ئىنتايىن ئازلاپ كەتكەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىگە قاراتقان كونتروللۇقى ھەسسىلەپ ئاشتى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خىتاي ۋەزىيىتىنى ۋە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى چەكلىمە ۋە كونتروللۇقىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر يەنىمۇ كۈچەيتكەن «ئىنتېرنېتتا ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنتېرنېت ساھەسىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر قاتار چەكلىمىلەر، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشقان مەزگىلدە دائىرىلەرنىڭ يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئىنتېرنېتتا ئۇچۇر تارقاتتى دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىشى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى قاتتىق ۋەيرانچىلىقتىن كېيىن، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق زەربە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەزىز ئەپەندى يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان كۈچىيىۋاتقان «ئىنتېرنېتتا ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەنە بىر قېتىملىق باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىنتېرنېت، ئۇچۇر ئالاقە ساھەسىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلىمە ۋە باستۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ ھەرقانداق ئۆلكىسىدىنمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىلىرىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرى، ھەمدە بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، «ئۇيغۇربىز تورى» نىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋېلى ئايۇپ قاتارلىقلارنى مىسالغا ئېلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتتا ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىش، ئۇچۇر ئىگىلەش،يولىنى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى سوفىيە رىچاردسون خانىم بۇ يىل 9-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلھام توختىغا ئىسپات بېرىش يىغىنىدا خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئىنتېرنېتتا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنتېرنېتتا ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنى جازالاش تەدبىرى نامدا «يامان نىيەت ۋە پىتنە ئىغۋالارنى جازالاش» نى مەزمۇن قىلغان دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنى پاش قىلغۇچىلارنى نىشان قىلغان،» دېگەن. سوفىيە خانىم يەنە دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەنىدىنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ قەلىمى ۋە تىلى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىدلىگىنى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ، دائىرىلەرنىڭ توردا ئۆزىنىڭ پىكىر ھوقۇقىنى قوللانغان كىشىلەرنىمۇ جازالاپ، كىشىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، ھۆكۈمەتكە قارىتا تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن، ئۇيغۇر بىز، دىيارىم، شەبنەم قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بېكىتىنىڭ تاقىۋېتىلىپ، مۇخبىر غەيرەت نىياز قاتارلىق تور يازغۇچىلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىپ، ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋەقەسى، شۇنداقلا يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىنتېرنېتتا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىشىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ئېغىرلىشىپ، ئىنتېرنېت كونتروللۇقى كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەمما، ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر تەرەققىياتىنىڭ يەنىلا تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىش پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ھەرقانچە كۈچەيگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما خەلقئارادا ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىنتېرنېت ئۇچۇر تەرەققىياتىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ يەنىلا زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى، تور يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تەرەققىياتىدا تارىخى تۆھپە ياراتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭلا ئۇلارنى خاتىرىلەپ، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۇنياسىمۇ خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغىنىدا ئۇلارنىڭ نامىمۇ تەبىئىي ھالدا تىلغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.