كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، ‏ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان. دوكلاتتا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا تىنچ پائالىيەتلەر بىلەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئانا تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىرىنى خەۋپلىك، دەپ قاراپ كەلگەن.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇققا قارشى «غەيرىي مۇنتىزىم تاكتىكىلار» نى قوللىنىشقا باشلىغانلىقى، بولۇپمۇ چېن چۈەنگو 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئامانلىق كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ، ئەسلىدىنلا ئىنتايىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا يەنە پۇقرالارنىڭ قول تېلېفونىغا نازارەت قىلىش يۇمشاق دېتالى قاچىلاشقا مەجبۇرلانغانلىقى، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلىنىپ، ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ تازلىنىۋاتقانلىقى، ئۆتكەن يىلى 4‏-ئايدا خوتەندە 97 نەپەر كادىرنىڭ جازالانغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇپ كەلگەن يۇقىرىقى سىياسىتى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ مەقسىتىگە قارىتا ھەر خىل سوئاللارنى پەيدا قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئاشقۇنلۇق»، «تېررورلۇق تەھدىتى» گە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر رايوندىكى قاتتىق قول سىياسىتىنى ئاقلاپ كەلگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رېچاردسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە قايىل قىلارلىق بىر سەۋەب كۆرسىتىپ باقمىغان.

دوكتور سوفىي رېچاردسون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن گۇمان ئىچىدىكى خەلقئارا جامائەتكە ئۆزىنىڭ )ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى( بايانلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ياكى پاكىت كۆرسىتىشى كېرەك. نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر خىتاي بىلەن بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پات-پات سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار تەكىتلەپ كەلگەن (تېررورلۇق، رادىكاللىق) ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئاساسى بارلىقىغا دائىر دەلىللەرنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، بىراق خىتاي بۇ دەلىللەر بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى. مېنىڭچە، بۇ يەردىكى ئەڭ زور مەسىلە شۇ. خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ھەرقانداق سەۋەب ئۇنىڭ بۇ رايوندا ‹تېررورلۇق›، ‹رادىكاللىق› نىڭ ئالدىنى ئالىمىز، دەپ يولغا قويۇۋاتقان كەڭ -كۆلەملىك باستۇرۇشىنى ھەقلىققا چىقارمايدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ چەكلىنىپ، پاسپورتىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى، «يېپىق تەربىلەلەش مەركەزلىرى» نىڭ قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ سولىۋېلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلىدۇ. دوكلاتتا «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: «2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن باشلاپ دائىرىلەر مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىپ، ئۇلارغا مەجبۇرىي ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ باردى،» دېيىلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2017‏-يىلى 9‏-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تاقاشقا، ئۇنىڭدىكى بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە سولىشىدا «ھېچقانداق ئىشەنچلىك بىر سەۋەب يوق» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دوكتور سوفىيە رېچاردسون خانىم «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ چېكىدىن ئاشقانلىق. كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىرەر كۆز قاراشقا ئىگە بولۇشى، ساياھەت قىلىشى سەۋەبلىك تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق. ھېچ بولمىسا بىر كىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەي تۇرۇپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلىش قانۇنسىزلىق. ئۇنىڭدىن سىرت كىشىلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىدىن باشقا ھەر قانداق بىر كىشى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشىمۇ قانۇنسىزلىق. بۇ ھەر تەرەپتىن قارىغاندا، قانۇنغا خىلاپ بولۇپلا قلاماي، يەنە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر سىياسىي جازا. بۇ 1950‏-1960-يىللاردا كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلگەن بىر تاكتىكا. بىراق ھازىر بۇ تاكتىكا كىشىلەرنى ساداقەتمەنلىككە تەربىيەلەشتىن كۆپرەك ھۆكۈمەتكە نارازى كىشىلەرنى تەقىب قىلىشنى مەقسەت قىلغاندەك قىلىدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، مىسىردىكى قايتىپ بارمىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى مىسىر دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى، قايتىپ بارغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا، مىسىرنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ھەبىبۇللا توختىنىڭ 10يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 643 بەتلىك دوكلاتىدا، دۇنيادىكى ئاز دېگەندە 90 دۆلەتنىڭ 2016-2017-يىلىدىكى بىر يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئاممىباپچىلىقنىڭ (پوپۇلىزىم) باش كۆتۈرۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلمەسلىكى خىتاي، رۇسىيە، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ قاتتىق دەپسەندە قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن، دېيىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى كېننىس روت پەيشەنبە كۈنى پارىژدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدا 1989‏-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇش شى جىنپىڭ دەۋرىدە يۈز بەردى. چۈنكى، ھەممە دۆلەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن كۆپرەك ئۇنىڭ بىلەن سودا توختامى تۈزۈشكە قىزىقىپ كەتتى.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2017‏-يىللىق دوكلاتىدا ئاممىباپچىلىقنىڭ دېموكراتىيەگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن يىلى دۇنيادا ئاممىبابلىققا قارشى تۇرۇش كۈچەيگەن.

كېننىس روت مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال ئاممىبابچى ئىستىبداتلارنى توختىتىش مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنگەن ئىدى. چۈنكى، بىر ئوچۇم رەھبىرى كىشىلەر ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قۇربان قىلىش، ئۇلارنى جىن-شەيتان قىلىپ كۆرسىتىش، كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، دېموكراتتىك ئورگانلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق قوللاشقا ئېرىشمەكچى بولغان ئىدى. بۈگۈن بۇ خەۋپ يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن تەلىيىمىزگە ئۆتكەن يىلى بۇنىڭغا قارىتا قارشىلىق كۈچەيدى. بىز بۇ قارشىقنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانغانلىقىنى كۆردۇق.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ قىسقا مەنزىلدىكى كېلەچىكى يەنىلا قاراڭغۇ ئىكەن. دوكلاتتا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە ياخشىلىنىشىدا ئۈمىد يوقلىقلىقىنى بىلدۈرگەن.