كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نىڭ ماھىيىتىنى ئاچتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.02.27
kocha-charlash-herbiy-saqchi-yolochi.jpg كوچىدا كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلەر. 2009-يىلى 9-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
REUTERS

27-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئۇيغۇر ئېلىدە قوللىنىلىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە سانلىق مەلۇمات سىستېمىلىرى ھەققىدە بىر پارچە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «چوڭ ئۇچۇر ئامبىرى» سىستېمىسى ئارقىلىق «كاشىلا پەيدا قىلغانلار» دىن ھالقىپ «كاشىلا پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغانلار» غا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىنغان.

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ئالدىن مۆلچەرلەش ئاساسىدىكى سىياسەتنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. يەنى، بۇ دېگەنلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئاساستا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى كامېراغا ئېلىنغان كامېرا كۆرۈنۈشلىرى بىلەن شۇ كىشىگە ئائىت بارلىق باشقا ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كىشىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، يۈز بەرگۈسى كاشىلىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئالدىن تەدبىر ئالماقتىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنە شۇنداق نىشان قىلىنغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە مۇددەتسىز سولايدىكەن. تەشكىلات تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ‹چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى› ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپلا قالماي، بۇنى كىشىلەرنى ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىشقىمۇ قوللانماقتا. شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئىمكانى يوق، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھەتتا بۇنداق ‹قارا قۇتا› پروگراممىسىدىن، ئۇنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋىرى يوق».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ ئەمدى بۇ باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «كاشىلا پەيدا قىلغانلار» نى جازالاشتىن ھالقىپ «كاشىلا پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار» لارنىمۇ جازالاشقا ئۆتكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزىگە بولغان ساداقىتىدىن گۇمان قىلغان ھەر بىر كىشىنى، جۈملىدىن ھەر بىر ئۇيغۇرنى نىشانغا ئېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دېگەن سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن باشقا يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە ئادەم ئەۋەتىپ سوئال سوراش، جەدۋەل تولدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يىغىلغان بارلىق ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ، ساقچىغا مەلۇم كىشىنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكى، بۇ كىشىنىڭ سىياسىي مەسىلىسى بار-يوقلۇقى ھەققىدە بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىدە ئۇ كىشىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلۈشىنى ۋە ھەتتا قولغا ئېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «بۇنىڭ خىتايدا ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق. ئەگەر بىر كىشى قانۇنسىز تەكشۈرۈلۈپ، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان بولسا، دېمەك بۇ يەردە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرمەكتە» دېدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋەن خەيچۈننىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېرىم يىللىق خامچوتى ھەققىدە بەرگەن بىر دوكلاتىدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ «بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشى» قىسقىچە ئىجوپ دەپ ئاتىلىۋاتقان بىر تېخنىكا قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇ، مەلۇم بىر ئورۇندىكى بىخەتەرلىك كامېراسىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئىچكى ۋە تاشقى تور سىستېمىسىدىكى بارلىق باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سىستېما بولۇپ، تەقىبلەش ۋە نازارەت قىلىشقا ئائىت ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ سۇپا ئالدى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

مەزكۇر «ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش سۇپىسى» ھەرقايسى كوچا-كويلار، پويىز ئىستانسىسى، سودا-ساراي قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرا كۆرۈنۈشلىرىنى، كومپيۇتېر، قول تېلېفون قاتارلىق تورلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان «سىمسىز تور تاپقۇچ» تىكى مەلۇماتلارنى، بىر كىشىنىڭ كىملىك نومۇرى، ئاپتوموبىل پىلاكات نومۇرى، بارماق ئىزى ئېلىنغان ئورۇنلار ۋە شۇنداقلا شۇ كىشى ھەققىدە مەۋجۇت بولغان سالامەتلىك ئەھۋالى، ئائىلە نوپۇس سانى، بانكا ھېساباتلىرى ۋە قانۇن بەلگىلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى نەق مەيداندا، بىرلا ۋاقىتتا بىرلەشتۈرەلەيدىكەن.

بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يەنە ساقچىلار ھەم شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامغا «ئەل رايىنى سىناش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» قاتارلىق ناملار بىلەن چۈشكەن كادىرلار ئۆي-ئۆيمۇ كىرىپ ئىگىلىگەن بارلىق مەلۇماتلارمۇ يۇقىرىدىكىلەرگە قوشۇلۇپ ساقلىنىدىكەن. ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر، ساقچىلار ياكى كادىرلاردىن ئۆزىدىن سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلالمايدىكەن ياكى ئۇنى قانداق ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىمۇ سورىيالمايدىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر سودىگەر 2017-يىلى ئۆزى تولدۇرغان بىر ھۆكۈمەت جەدۋىلىنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇ كىشىنىڭ دىنى ئېتىقادى، كۈندە قانچە قېتىم ناماز ئوقۇيدىغانلىقى، قايسى مەسچىتكە بارىدىغانلىقى، قايسى دۆلەتلەرگە ساياھەت بېرىشنى خالايدىغانلىقى، قايسى دۆلەتلەرگە چىققانلىقى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ھەرقانداق بىر سىياسىي توپىلاڭدا ئورۇن ئالغان-ئالمىغانلىقى قاتارلىق سوئاللار سورالغان ئىكەن. يەنە بىر گۇۋاھچىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ «بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشى» نىڭ كومپيۇتېر ئېكرانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كومپيۇتېر ئېكرانىدا ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئىسىم، كىملىك نومۇرى، جىنسى، خىزمىتى، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى، بۇ كىشىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكى، قولغا ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقى، تەربىيەلەش مەركىزىگە بارغان-بارمىغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلار يېزىلغان ئىكەن. قولغا ئېلىنىپ باققانلار ياكى «ئىشەنچلىك ئەمەس» دەپ بەلگە ئۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ كودلىنىش رەڭگىمۇ ئوخشىمايدىكەن. ھەر بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ ئۇلار تولدۇرىدىغان جەدۋەلمۇ ئوخشىمايدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بىزگە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىلدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش ۋە نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى، ئۇندىن قالسا باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ «مىللىي ئايرىمىچىلىق» نى ئاساس قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان بىر خەۋەردە يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى يۇقىرىدىكى بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ھەرقانداق بىر نورمال بولمىغان ئەھۋالنى بايقىسا شۇ كۈنى كېچىنى ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ دەرھال ئالاقىدار كىشى ياكى كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەھۋالنى ئىگىلىشى كېرەك ئىكەن. ئىككى نەپەر كىشى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئۆزلىرىنىڭ يەتكۈزۈش سۇپىسى كومپيۇتېر ئېكرانىدا ساقچى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىشى كېرەك بولغان ئادەملەر تىزىملىكىنى كۆرگەنلىكىنى، بىر ساقچىنىڭ بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى «قايتا تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىدۇ» دېگىنىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

سوفېي رېچاردسون خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغان ھەر بىر كىشىنى بۇ مەركەزگە سولاشتا مۇشۇ سىستېما قوللىنىلغان، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولمىسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا، مەزكۇر «يەتكۈزۈش سۇپىسى» بىلەن دائىرىلەرنىڭ كىمنى قايتا تەربىيەلەشكە ئەۋەتىشىنى بېكىتىش ئارىسىدا مەلۇم باغلىنىش بار، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «يەتكۈزۈش سۇپىسى» ئادەتتىكىدىن نورمالسىز بولغان ھەرقانداق بىر ئەھۋالدا ساقچىغا سىگنال بېرىدىغان بولۇپ، ساقچى سىگنالدىكى كىشىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن دەرھال ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇ نورمالسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى سورايدىكەن ۋە ئەھۋالغا قارىتا تەدبىر ئالىدىكەن. مەسىلەن، داۋاملىق ھالدا 5 كىلوگرام خىمىيىلىك ئوغۇت سېتىۋالىدىغان بىر كىشى مەلۇم بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا 10 كىلو ئوغۇت سېتىۋېلىپ قالسا، بۇ سۇپا دەرھال ساقچىلارغا «جىددىي ئەھۋال» سىگنالى بېرىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ساقچى ئۇ كىشىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئارتۇق ئوغۇتنىڭ قانداق ئورۇندا ئىشلىتىلگەنلىكىنى تەكشۈرىدىكەن. ئەگەر جىددىي بىر ئەھۋال بولمىسا ساقچى بۇ مەلۇماتنى سانلىق مەلۇمات سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ سىگنالنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ قويىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ «سۇپىلار» نىڭ نۆۋەتتە ئىنسانلارنى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئەۋەتىشتە كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، تەتقىقاتچى مايا ۋاڭ دوكلاتتا «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىستېمىلارنى ئىنسانلارنى يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىگە ئەۋەتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك ۋە بۇ مەركەزلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى دەرھال ئازاد قىلىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشى» نورمال خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن يۇقىرى سۈزۈكلۈك دەرىجىسىگە ئىگە بولغان كامېرالار، ھەمبەھىرلەش سۇپىلىرى ۋە يۇقىرى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان قاتتىق دېتال سۇپىلىرى دېگەندەك شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكا ھېسابلىنىدىغان بۇنداق بىر سىستېمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشمۇ نۇرغۇن مەبلەغ تەلەپ قىلىدىكەن. «تەڭرىتاغ تورى» 2017-يىلى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى 6 ئاي ئىچىدە مۇشۇ خىلدىكى پەن-تېخنىكا مۇقىملىق تۈرلىرىگە 9 مىليارد سوم مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.