تۈركىيەدىن يۇرتىغا قايتقان مۇزىكانت ئوقۇغۇچى مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ ئاتۇشتا لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.01.30
memetyusup-raxman.jpg ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقاندىن كېيىنلا ئىز-دېرىكى يوقالغان، تۈركىيە بۈلەنت ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان مەمەتيۈسۈپ راخمان.
Social Media

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈركىيەنىڭ بۈلەنت ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ 2017-يىلى 1-يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقاندىن كېيىنلا ئىز-دېرىكى يوقالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. فەيسبوكتىكى ئۇچۇردا ئۇنىڭ بىر مۇزىكا ھەۋەسكارى ئىكەنلىكى ۋە بىر مەھەل ئاتاقلىق سەنئەتچى ئابدۇرېھىم ھېيتقا شاگىرت بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا ئوڭئېرىق كەنتىگە نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بۇ 15-يانۋار كۈنى فەيسبوكتا ئېلان قىلىشىچە، مەمەتيۈسۈپ راخمان ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا ئوڭئېرىق كەنتىدىن؛ ئۇ 2016-يىلنىڭ بېشىدا تۈركىيەگە كېلىپ، 2016-يىلى 9 ‏-ئايدا بۈلەنت ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن 90 ياشلىق چوڭ ئاپىسىنى يوقلاش ئۈچۈن، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇل ئايرودرومىدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان. ئەمما شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.

بىز مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئاتۇشتىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئاتۇش شەھەرلىك پامىر يولى ساقچىخانىسى قاتارلىق بىر قىسىم ساقچىخانا خادىملىرى بۇ ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. ئەمما بۇلار ئاتۇشتا تۈركىيەدىن قايتىپ كەلگەن مەمەتيۈسۈپ راخمان ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلمىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ فەيسبوكتا تونۇشتۇرۇشىچە، مەمەتيۈسۈپ راخمان 1995-يىلى، 27-ماي كۈنى تۇغۇلغان؛ ئۇ بىر ھەۋەسكار مۇزىكانت بولۇپ، بىر مەھەل ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتقا شاگىرت بولغان. ئۇ تۈركىيەدە ئىشلەنگەن «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ كىرىشتۈرمە مۇزىكىسىنى دۇتار بىلەن ئورۇنداپ، تۈركىيەدە بىر قىسىم جامائەت ئىچىدە دىققەت قوزغىغان. مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بىرقانچە ئۇنىۋېرسىتېتتىن تەكلىپنامە تاپشۇرۇۋالغان مەمەتيۈسۈپ راخمان، بۈلەنت ئەجۋېت ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئوقۇشقا بېرىلگەن ۋە تۈركىيەدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بارلىق پائالىيەتلەردىن يىراق تۇرغان. ئۇ يۇرتىغا قايتىشنىڭ ئالدىدا ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى تەرجىمە قىلدۇرۇۋالغان؛ يەنى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىماسلىق ۋە ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قاتارىدا، يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلىشتىن قۇتۇلالمىغان. ئاخىرى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئازاق يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ لاگېردىكى ئەھۋالىنى رايون ساقچىسى ئىمىنجاننىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز ئۇنىڭدىن مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ سوئالغىمۇ مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ دېلوسىغا مەسئۇل بولغان ئىمىنجاننىڭ بىلىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ساقچى خادىملىرى مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ ئىز-دېرەكسىزلىكى ھەققىدىكى يازمىسىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇندىكى سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتقا شاگىرت بولغانلىقىنىڭ باھانە قىلىنغانلىقى ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.