مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سۈكۈتنى بۇزۇپ، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ياكى تۈرمىلىرىگە ناھەق قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتى، قامالغان جايى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە پاش قىلدى.

شۇلاردىن بىرى ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئادىل ئابدۇرېھىمدۇر. ئۇ پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى، ئايالى، قېيناتىسى ۋە ئايالىنىڭ ئىككى ئاكىسى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 65 ياشلىق دادىسى ئابدۇرېھىم مۇھەممەت 2017-يىلى 4-ئايدا ئاقسۇنىڭ باي ناھىيەسىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلىپ، مەجبۇرىي «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» كە تۇتۇلغان ئىكەن.

ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئايالى، قېيناتىسى ۋە ئايالىنىڭ ئىككى ئاكىسىمۇ باي ناھىيەسىدىكى يىغىلىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يۇرتىدا قالغان ئۈچ پەرزەنتى ياشىنىپ قالغان قېينانىسىنىڭ ھىمايىسىدە قالغان ئىكەن. ئۇ ھازىر قېينانىسىنىڭ قولىغا قالغان ئۈچ پەرزەنتىنى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

ئادىل ئابدۇرەھىم دادىسىنىڭ 15 ئايدىن بىرى ناھەق ھالدا لاگېردا يېتىۋاتقانلىقى، ئايالى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭغۇ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەمدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەلەرگە قاراپ تۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادىل ئابدۇرېھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى يۇرتىدا قالغان قىزى بۇمەريەم ئادىل، ئوغۇللىرى مۇھەممەت ئادىل ۋە ئۆمەر ئادىل قاتارلىق ئۈچ پەرزەنتىنىڭ رەسىمىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىگە ماسلىشىپ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىشىنى، ئەگەر ماسلىشىپ ئىشلىمىسە پەرزەنتلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان ئىكەن.

ئادىل ئابدۇرەھىمدىن باشقا مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئادىل ئابدۇرېھىمدەك ئوتتۇرىغا چىقىپ لاگېرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلاتقاندىلا ئاندىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىلى بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ زۇلۇملىرى ئۈستىدىن پاكىتلىق ماتېرىيال كۆرسەتمەي تۇرۇپ، خەلقئارالىق ئورگانلارغا بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.