ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرى ھەققىدە بىر پارچە يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەرساھە كىشىلەردىن تەركىب تاپقانلىقى، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى نىشان ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتقا «ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى: بىز پەقەت ئىنساندەك ياشاشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ ئارتۇقچە تەلەپمۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ كۆلىمى، ئۇ يەردىكى شارائىت ۋە تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ دوكلات خەلقئارادا ئېلان قىلىنغان ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەم شۇنداقلا ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى لاگېرلارغا كىرىپ كەتكەن ياكى ئىلگىرى ئۆزى شۇ لاگېرلاردا يېتىپ چىققان كىشىلەرنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان ئىكەن. ھېنرىي سۆزىدە يەنە، بۇ دوكلاتتا لاگېرلار ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا بېرىلگەن ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرىنىڭمۇ ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق گۇۋاھلىق سۆزلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، دوكلاتىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ باشلىنىشى، ھازىرقى كۆلىمى ۋە خەلقئارالىق ئىنكاسلارغا ئورۇن بېرىلگەن بولسا ئىككىنچى قىسمىدا ئاساسلىق گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسى يورۇتۇلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە «دوكلاتىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئاساسلىق ئىنسانلارغا خىتاب قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى سىز كىشىلەرگە بىر مىليون كىشى لاگېردا يېتىۋاتىدۇ، دېگىنىڭىزدە كىشىلەرنىڭ ئۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشى قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا بىز دوكلاتنى كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىغا خىتاب قىلىدىغان دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتۇق» دېدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلارنىڭ پۈتكۈل بىر مىللەتنى، بىر مەدەنىيەتنى يوق قىلىشنى نىيەت قىلغانلىقىنى يورۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يېقىندا، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن «دىپلومات» ژۇرنىلىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئۇرۇش ئاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى: بىز پەقەت ئىنساندەك ياشاشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ ئارتۇقچە تەلەپمۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان دوكلاتىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇددەتسىز ھالدا سولانغان بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قىيىن-قىستاق ۋە ھەتتا ئۆلۈم تەھدىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنغان، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سەھنە بولۇشىنىڭمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلگەن. ھېنرىي شاجېسكى سۆزىدە بۇ دوكلات ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانى ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارادىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا، خالىغانچە ئۆلتۈرۈشكە، مىللىي، دىنى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ئىنسانلىق كرىزىسىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن شەپە بەرگەن ئىدۇق. مانا ئەمدى ئۇ يېتىپ كەلدى. بىر مىليوندىن ئوشۇق ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەم لاگېرغا قامالدى. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئەگەر تەدبىر ئېلىنمىسا بۇ لاگېرلاردا قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىشىۋاتىدۇ. ۋەزىيەت بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولامدۇ؟ خەلقئارا ھەقىقەتەنمۇ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك»
دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماگنېتسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمدا مەسئۇلىيىتى بارلارنى جازالىشى، بۇ يىل 11-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئەھۋالىغا ئۇنىۋېرسال پەسىل خاراكتېرلىك قاراپ چىقىش يىغىنىدا لاگېرلار مەسىلىسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتايغا بېسىم شەكىللەندۈرۈلۈشى، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ئۆز دۆلەتلىرىگە كەلگەن پاناھلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئىلتىجاسىنى دەرھال قوبۇل قىلىشى، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى قاتارلىق 3 مۇھىم تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۆمەر قانات ئەپەندى بولسا سۆزىدە بۇ لاگېرلاردا ئوقۇغۇچىلار، زىيالىيلار، ئەدىبلەر دېھقانلار، تىجارەتچىلەر، دىنى ئۆلىمالار، ئارتىسلار، تەنھەرىكەتچىلەر، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئاياللار، ئەرلەر، بالىلار، ياشلار، قېرىلاردىن تەشكىللەنگەن بارلىق ساھەلەردىن ئادەم بارلىقىنى تەكىتلەپ، ناتسىستلار تەرىپىدىن يەھۇدىيلارغا قىلىنغان قىرغىنچىلىققا ئوخشاش قىرغىنچىلىقلار «ئەمدى تەكرارلانمىسۇن» دېگەن ئىدىيە چوڭقۇر ئورنىغا ئامېرىكا جەمئىيىتىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.
0:00 / 0:00