ماگىستىر ئاسپېرانتى مۇھەممەت: «ئائىلەمدىكىلەر بىلەن يۇرتداشلىرىم يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپتۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.10.11
muhemmet-atawulla.jpg مۇھەممەت ئاتاۋۇللانىڭ فېيبۇك تور بېتىگە يوللىغان ئانىسى بېيشىخان ھوشۇر دادىسى ئاتاۋۇللا ۋە كىچىك ئىنىسى روزى مۇھەممەت ئاتاۋۇللانىڭ رەسىمى.
Muhemmet Atawulla teminligen

نۆۋەتتە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپى ماگىستىر ئاسپىرانتلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى تەييارلاۋاتقان مۇھەممەت ئاتاۋۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇرتى خوتەندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۆز يېزىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەققىدە ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «كىچىك ئىنىم بۇ يىل 21 ياشقا كىردى. ئىسمى روزى مۇھەممەد ئاتاۋۇللا بولۇپ، ئۇ 2017-يىلى 3-ئايدا ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى كۈچلۈك› دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، كەنتتىكى 20 نەچچە ياش بالا بىلەن بىرلىكتە خوتەن شەھەر ئىچىدىكى تېخنىك ئوتتۇرا مەكتىپىدە تەسىس قىلىنغان ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپتۇ. 2017-يىلى 8-ئايدا چوڭ ئىنىم مۇھەممەتئېلى ئاتاۋۇللامۇ كەنتتىكى نەچچە ئون بالا بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپتۇ. بىلىشىمچە، ئۇلارنىمۇ خوتەن شەھەر ئىچىدىكى تېخنىك ئوتتۇرا مەكتىپىگە قاماپتۇ. ئانامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى كۈز پەسلىدە ئۇلارنى يەنە خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسى جىيا يېزىسىغا سېلىنغان چوڭ لاگېرغا يۆتكەپ كېتىپتۇ.»

مۇھەممەت ئاتاۋۇللا دەسلەپكى مەزگىللەردە ئانىسى ئايشىخان ئانا بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئىنىلىرىنىڭ تەربىيەلەش لاگېرىدىكى ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان. ئانىسى ئۇنىڭغا ئىككى ئىنىسىنى يوقلاپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئەمەلىيەتتە قوراللىق ساقچىلار 24 سائەت نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان تۈرمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇھەممەت ئاتاۋۇللا داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق يۇرتى خوتەن ناھىيە سېغىزكۆل يېزىسىدىلا 2017-يىلى 3-ئايدىن 2018-يىلى 4-ئايغا قەدەر بىر نەچچە قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئىككى يىل ئىچىدە سېغىزكۆل يېزىسىدىكى ئۆز-ئارا قوشنا بولغان ئورنۇش كەنتى بىلەن يۇمىلاق كۆل كەنتىدىنلا 100 دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

مۇھەممەت ئاتاۋۇللا سېغىزكۆل يېزىسىدىكى قېيىنئاكىسى قاتارلىق 60 نەچچە دېھقاننىڭ بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنىپ، 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىق ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر يېزىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا قاتناشقان دىنىي پائالىيەتلەردىن ھېساب بېرىش ھەرىكىتىدە سېغىزكۆل يېزىسى يۇمىلاق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قېيىنئاكام مەمەت تۇرسۇن قاتارلىق 60 نەچچە دېھقان 2013-يىلى سېغىزكۆل يېزىسىدىكى مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي تەبلىغگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپتۇ. ئۇلارغا 15 كۈن ئىچىدىلا سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ، ئەڭ تۆۋەنلىرىگە 6 يىللىقتىن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، قەشقەردىكى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدىم.»

2018-يىلى 4-ئايدىن كېيىن مۇھەممەت ئاتاۋۇللا ئانىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى: «سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئانام ئايشىخان ھوشۇرنىڭ مەزكۇر يېزىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلگىرىكى يىللاردىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلارنى ئېنىقلاش ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئانام 2013-يىلى مەھەللىمىزدىكى بىر ئۆلۈم مۇراسىمىدىن كېيىن ئاياللارنىڭ «تەلە ئوقۇتۇش» (يەنى مەرھۇمنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن «تاش ساناپ» قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغان دۇئا پائالىيىتى) گە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن كەتتىكى 20 دىن ئارتۇق ئايال بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپتۇ. بىلىشىمچە، ئانام ئۇدۇل ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن.»

مۇھەممەت ئاتاۋۇللا ئەپەندى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن يۇرتىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن يېزىلىق ساقچىخانا، يېزىلىق ھۆكۈمەت قاتارلىق جايلارغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفونلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇزۇن ۋاقىتلىق سۈكۈتتىن كېيىن ئاخىرى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز مۇھەممەت ئاتاۋۇللا ئەپەندى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خوتەن ناھىيە سېغىزكۆل يېزىسىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. تېلېفونلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ھەسەنجاننىڭ قول تېلېفونىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى يېزىغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىتاي كادىرى ئالدى. ئەمما بۇ خىتاي كادىر تېلېفوننىڭ ئامېرىكىدىكى «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» دىن كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، يىغىن ئېچىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ تېلېفون زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.