لاگېر ساقچىسى: «مۇنچىنىڭ ئىشىكىدە پوستتا تۇرۇلىدۇ، ساتىراشلىقنى كادىرلار قىلىدۇ»

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى مەلۇم بىر لاگېر ساقچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر خادىم ۋەزىپە ئۆتىگەن لاگېردا تۇتقۇنلارنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم 10 مىنۇتتىن يۇيۇنۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە خىلاپ ھالدا 5 كىشى كوللېكتىپ ھالدا يۇيۇنىدىكەن ۋە مۇنچىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق قويۇلۇپ، يۇيۇنۇش جەريانى مەخسۇس بىر كادىر تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىكەن. يەنە مەلۇم بولىشچە، تۇتقۇنلارنىڭ چاچ-ساقىلى ساتىراشلىقتىن ھېچ خەۋىرى بولمىغان لاگېردىكى كادىرلار تەرىپىدىن 15 كۈندە بىر قېتىم چۈشۈرۈلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.