ئۆلۈم گىردابىدىن ھۆرلۈككىچە: خىتاي لاگېرىدىكى پاجىئەلەر (3)

0:00 / 0:00

مېھرىگۈل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئايال مەھبۇسلارغا تەن ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاش ئېلىپ بارغاندىن سىرت يەنە مەجبۇرىي ھالدا دورا ئىچكۈزىدىغانلىقىنى پاش قىلدى.

مېھرىگۈل: «يولۋاس ئورۇندۇقتا توكقا چاتقاندا، چىدىغۇسىز ئاغرىقتىن ئادەم ئۆلۈپ كەتسەم بۇنىڭدىن ياخشى ئىدى دېگەنلەرنى ئويلايدىكەن».

مېھرىگۈل، 2017-يىلى، 4-ئايدا، يەنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قايتا تەربىيەلەش نامىدا لاگېرلارنى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغاندا، ئىلگىرى تۇتقۇنلۇق تارىخى بار، قارا تىزىملىكتىكى شەخسلەر قاتارىدا، چەرچەن ناھىيەلىك دۆلەت ئامانلىق تارماقلىرى تەرىپىدىن قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بالىلىرىدىن يەنە ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى «54-نومۇرلۇق» مەھبۇسقا ئايلانغان مېھرىگۈلنىڭ سوراق جەريانىدا تاياق زەربىسىدىن بىر قۇلىقى گاس بولىدۇ ۋە سوراق جەريانىدا ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي خورلاشلارغا ئۇچرايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزى بېشىدىن كەچۈرگەن، ھازىرمۇ ئويلىسا تېنى تىكەنلىشىدىغان ئەڭ ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇق زۇلۇم-«يولۋاس ئورۇندۇقى» غا ئولتۇرغۇزۇش ھەققىدە توختالدى.

مېھرىگۈلنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنى سۇدىن ۋە كۈن نۇرىدىن مەھرۇم 210-نومۇرلۇق كىچىك بىر كامېردا، 68 ئادەم قىستىلىپ ياشاش، كۈنلەپ ئاچ قېلىش، شەخسىي تازىلىق قىلالماسلىق، 24 سائەت كۆزىتىلىش، نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاش، خىتايچە قىزىل ناخشا ۋە سىياسىي قائىدىلەرنى يادلاش قاتارلىق بىر قاتار توختاۋسىز جىسمانىي ۋە روھىي خورلۇقلار كۈتمەكتە ئىدى.

مېھرىگۈلنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇنلارغا سۇ بەرمەسلىكى ۋە تاماقنىڭ مىقدارىنى ئىنتايىن ئاز ھالدا كونترول قىلىشى ئۇلارنىڭ تاھارەت قېتىم سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئاياللارغا سوراق جەريانىدا مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن نامەلۇم تابلېتكا ۋاقىتلىق ھالدا ئۇلارنىڭ نورمال ئويلاش ۋە ئەقلى ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى دەخلىگە ئۇچراتقان، قەرەللىك مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن دوغىسىمان سۇ بولسا، ئاياللارنىڭ ھېيىزىنىڭ توختىشىغا سەۋەب بولغان، ھەتتا بەزىلىرىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلغانلىقتىن توختىماي قان كېلىپ قانسىراپ ئۆلۈش ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن. ئاياللارغا مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن بۇ نامەلۇم دورىلار نېمە مەقسەتتە ئىچكۈزۈلدى؟ بۇ قانداقتۇر بىر دورا تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلىشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بۇ، مەجبۇرىي دورا ئىچكۈزۈلۈپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردا يەنە قانداق ئەكس تەسىرلەر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ بۇلار ھازىرچە نامەلۇم. ئەمما تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى قاتارلىق لاگېرلارغا قامالغانلارغا قانداقتۇر نامەلۇم دورىلارنىڭ زورلۇق بىلەن ئىچكۈزۈلگەنلىكى بىر ئەمەس بىر قانچە شاھىت تەرىپىدىن تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھەر خىل گۇمانلارنى تۇغدۇرۇۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى.

ئۆمرىدە ھېچقانداق بىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، 29 ياشلىق، ئالىي مەلۇماتلىق مېھرىگۈلنىڭ بۇ ئادالەتسىز ۋە رەھىمسىز مۇئامىلىلەرگە، بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە ئۇچرىشىغا پەقەت ئۇنىڭ مىسىردا ئوقۇغان ۋە ياشىغانلىقى سەۋەب بولغان. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىر كامېردا ئوخشاش زۇلمەتنى كۆرگەن ۋە بەلكىم ھايات بولسا ھازىرغىچە تەكرار كۆرۈۋاتقان ئۇ بىگۇناھ ئاياللارچۇ؟ ئۇلارنىڭ گۇناھى نېمە؟ مېھرىگۈل بۇنىڭغا: «ئۇلارنىڭ گۇناھى پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ.

بۇ قاباھەتلىك تۈرمىدىكى ئېغىر زۇلۇم ۋە خورلۇقلارغا مېھرىگۈلنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاۋۋال روھى بەرداشلىق بېرەلمىگەن. خامۇشلۇق ۋە تۇتقاقلىق كېسەللىكى دىئاگنوزلىرى ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى بۇ قېتىم داۋالىنىشقا كېپىللىككە بېرىشكە مەجبۇر بولغان. مېھرىگۈل، 7-ئاينىڭ 26-كۈنى بۇ قاباھەتلىك جايدىن يەنە بىر قېتىم قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرى ئەقلىدىن پۈتۈنلەي ئېزىپ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا يوللىنىشىغا ئۇنىڭ 3 ئاي ئىچىدە كامېرداشلىرىدىن 9 نەپىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىگە شاھىت بولغانلىقى سەۋەب بولغان ئىدى. مېھرىگۈلنىڭ قاباھەتلىك كامېردىكى 9 نەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئۆلۈمىگە دائىر قان ياشلىق كەچمىشلىرىنى سەھىپىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدىن ئاڭلايسىلەر.