ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىياردىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشتىن ئۇنى ئېتىراپ قىلىش ۋە پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۆتكەن بىر مەزگىلدە بۇ يەردىكى لاگېرلارنىڭ يېقىندا «زىمىستان» تورى غۇلجا شەھىرىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان «تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» لاگېرىنىڭ ئىچى-سىرتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان خەۋەر ۋە سىن كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتتى.

غۇلجا شەھىرى يېڭىيەر يېزىسىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش لاگېرى» ئىچكى قۇرۇلمىسى «زىمىستان» تورىنىڭ مۇخبىرى تەرىپىدىن 26-نويابىر كۈنى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل ئاۋغۇستتا شۇ لاگېرنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ يەرنى تولۇق سۈرەتكە ئېلىپ چىققان. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرنىڭ ئورنى بۇرۇن ئەسكەرلەرنىڭ قارىغا ئېتىشنى مەشىق قىلىدىغان مەشىق مەيدانى بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئۇ يەرگە ئاتالمىش «تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» لاگېرى قۇرۇلغان ئىكەن.

مۇخبىرنىڭ مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرنىڭ ئىچىدە تۆت بىنا بار بولۇپ، ھەجمى 110 مىڭ كۋادرات مېتىر دائىرىنى ئىگىلەيدىكەن، ئىچىگە نەچچە مىڭلىغان ئادەم سىغىدىكەن. مەزكۇر لاگېرنىڭ ئورنى كانادادىكى بېرىتانىيە كولومبىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى ئوقۇغۇچىسى شاۋىن جاڭ تەرىپىدىن بايقالغان ئىكەن. شاۋىن جاڭنىڭ سۈنئىي ھەمراھتا تارتقان سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇ بىر قۇرۇق جاي بولۇپ، 2018-يىلى ئاۋغۇستقا كەلگەندە بۇ يەرگە ئاللىقاچان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى سېلىنىپ بولغان ئىكەن.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە لاگېرنىڭ ئىچىدىكى بىنالارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە بىنا ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ھەققىدىمۇ كۆرۈنۈشلەر تارتىلغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، تۆت قەۋەت قىلىپ سېلىنغان ھەر بىر بىنا تۇتقۇنلارنىڭ ياتاق بىناسى ئىكەن. ھەربىر قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان دېرىزىلەرنىڭ ھەممىسى بىر قات پولات چىۋىق بىلەن پاياتلىنىپ، ئىچىگە يەنە بىر قەۋەت پولات تور سىم تارتىلغان ئىكەن. ھەر بىر بىنانىڭ چىقىش ئىشىكىنىڭ ئۈستىدە ئۈچ تالدىن كۆزىتىش كامېراسى بار بولۇپ، بۇ كامېرالار ئەتراپنى ئوڭدىن، سولدىن ۋە ئوتتۇرىدىن سۈرەتكە ئېلىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ياتاق بىناسىنىڭ سىرتىغا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى مەدھىيەلەيدىغان لوزۇنكىلار ئېسىلغان بولۇپ، ئۈستىگە «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز» دەپ يېزىلغان ئىكەن.

سىن كۆرۈنۈشىدە تارتىلغان بىنانىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىكەن. مۇخبىر چۈشەندۈرۈپ بىنانىڭ ئىچى ئۆز ئەينى تۈرمە ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ مەركىزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ھەربىر قەۋەتتە 28 ياتاق ئۆي، 3 سىنىپ بار بولۇپ، ھەر بىر ياتاق ئۆيگە ئەڭ جىق بولغاندا 15 ئادەم پاتىدىكەن. ياتاق ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى ئىككى قات پولات سىم بىلەن ئورالغاندىن باشقا يەنە سىرتىدا كۇنۇپكا ئارقىلىق ئېچىلىدىغان ئاپتوماتىك قۇلۇپ بار ئىكەن. تازىلىق ئۆيى ھەربىر ياتاقنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۈستىدە كامېرا بىلەن 24 سائەت كۆزىتىلىدىكەن. سىنىپنىڭ سىرتىدىكى تامغىمۇ ھەرخىل شوئارلار يېزىلغان بولۇپ، ئەڭ دىققەت تارتقىنى «دۆلەت تىلى ئۆگىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرايلى» دېگەن شوئار بولغان.

سىن كۆرۈنۈشىدە بىنا ئىچىدىكى كۆزىتىش ئۆيىمۇ ئالاھىدە چۈشەندۈرۈلگەن. مەزكۇر كۆزىتىش ئۆيى بەكلا ئالاھىدە بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچىگە ئىنتايىن چوڭ بىر ئېكران قويۇلغان ئىكەن. ئېكراندا بىنانىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاققىچە ئورنىتىلغان 360 گىرادۇسلۇق كۆزىتىش كامېراسىدىن كەلگەن سۈرەت چىقىپ تۇرىدىكەن. تۇتقۇنلار 24 سائەت كۆزىتىش ئاستىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنغان ئىكەن.

مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، قىسمەن بىنالارنىڭ سىرتىدىكى پولات تور سىم بىلەن ئورالغان «جىددىي خەۋپتىن دالدىلىنىش جايى» دەپ ئاتالغان جاي ئىكەن. مۇخبىرنىڭ ئىچكى سىستېمىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جاي تۇتقۇنلارنىڭ پىيادىلەر رايونىغا ئوخشايدىكەن. پىيادىلەر رايونى دېگىنى تۈرمىلەردىكى بېكىتىپ بەرگەن ۋاقىت دائىرىسى ئىچىدە بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ۋە ھاۋا يەيدىغان ئورۇن ئىكەن.

«زىمىستان تورى» نىڭ مۇخبىرى سىن كۆرۈنۈشنى چۈشەندۈرۈش داۋامىدا يۇقىرىقىدەك تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن «تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» لاگېرىدىن چىقىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى داۋاملىق سېلىشىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى نېمە؟ شاۋېن جاڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش. ھۆكۈمەت ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان مىللەتنى تەھدىت دەپ قارىغاچقا رايوندا ‹بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش› ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹ئاشقۇن ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش› ھەرىكىتى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە قارىتىلغان» دېدى.

12-نويابىر كۈنى «زىمىستان تورى» قورغاس ناھىيەسىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى مەخپىي سۈرەتكە ئېلىنغان بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇ سىن كۆرۈنۈشتىكى ئالاھىدە نۇقتا ئاتالمىش «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» نامىدا سېلىنغان سىنىپلاردىكى مۇنبەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ تۆمۈر تور سىم ۋە پولات تاختا بىلەن ئايرىۋېتىلىشى ئىكەن.

مۇخبىر شۇ يەرگە بارغىنىدا لاگېرنىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشى تېخى تولۇق پۈتمىگەن بولۇپ، شۇ يەردىكى ئىشچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ جايغا قامالغانلار بەش-ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار بولىدىكەن. ئۇ يەرگە قامالغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىكەن.

قورغاس ناھىيەسىدىكى بۇ لاگېرنىڭ يېنىغا زور كۆلەملىك بىر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى سېلىنغان بولۇپ، بازا توققۇز زاۋۇتتىن تەركىب تاپقان ئىكەن. بۇ توققۇز زاۋۇت كىيىم-كېچەك ۋە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە زاۋۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مەزكۇر زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى ئىچكى مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنىڭ يېنىغا يۇقىرىقىدەك زاۋۇتلارنىڭ سېلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنلارنى تاشقى دۇنياغا ھەقىقەتەن تېخنىكا ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۆزگىرىۋاتىدۇ دېگەننى ئىپادىلەش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ھەقتە شاۋىن جاڭمۇ ئۆز كۆز-قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق رايوندىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى ئاللىقاچان ئېتىراپ قىلىپ بولدى. تۇتقۇنلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولغاچقا، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا يۆتكەپ بولۇش ئۇلار ئۈچۈن تەس، شۇڭا مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق تۇتقۇنلارنى شۇ جايدىلا بىر تەرەپ قىلماقچى.»