ئاقتۇ ناھىيىسىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن 15-20 غىچە قىرغىز دىنىي زاتتىن 4 نەپىرىنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ 1500 نوپۇسلۇق بىر قىرغىز كەنتىدىن 300 چە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزچىل ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ چارلوڭ ۋە قىزىلتاغ قاتارلىق 3 يېزىسىدىن 15-20 چە قىرغىز دىنىي زاتنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى، بۇلاردىن 4 نەپىرىنىڭ تۇرسۇن ئىمام، ھەسەن توخسۇن، ئوسمان ئېلى، موللاش نىياز قاتارلىق ئىمام ۋە مەزىنلەر ئىكەنلىكى ھەم بۇلارنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىكى ئەرزان ۋە كۇنشەن قاتارلىق جايلاردىكى لاگېرلاردا قاماقلىق ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاقتۇ ناھىيىسى 11 يېزا، 2 بازار، ئىككى چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە بىر ئاھالىلەر رايونىدىن تەشكىللەنگەن. ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 220مىڭ، ئۇيغۇر نوپۇسى 160 مىڭ، قىرغىز نوپۇسى 40 مىڭ ۋە خىتاي نوپۇسى 8 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئاقتۇنىڭ چارلوڭ يېزىسىنىڭ 1500 نوپۇسلۇق بىر قىرغىز كەنتىدىنلا 300 چە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئاقتۇنىڭ چارلوڭ، قىزىلتاغ ۋە بۇلۇڭ يېزىلىرىدىن 15-20 چە قىرغىز دىنىي زاتنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئاقتۇدىكى مەلۇم بىر ساقچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ساقچى خادىمى، يۇقىرىقىلاردىن چارلوڭ يېزىسىدىن تۇتۇلغان 4 نەپەر قىرغىز دىنىي زاتنىڭ كىملىكلىرىنى ئاشكارىلىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلار بۇ يىل 30 ياشلارغا كىرگەن تۇرسۇن ئىمام، 40 ياشلار چامىسىدىكى ھەسەن توخسۇن، 32 ياشلىق ئوسمان ئېلى ۋە 30 ياش ئەتراپىدىكى موللاش نىياز قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ئەسلىدە چارلوڭدىكى مەسچىتلەردە ئىمام ۋە مەزىنلىك قىلىۋاتقان دىنىي زاتلاردۇر. بۇ ساقچى خادىمى يەنە يۇقىرىقىلاردىن ئوسمان ئېلىنىڭ ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئۆزى ئۇيۇشتۇرغان بىر يىغىنغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئۇ بۇ يىغىندا ئوسمان ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت كۈتكەندىن باشقىچە بىر گەپ قىلىپ سالغانلىقى ۋە ياكى كۈتۈلمىگەن بىر لېكسىيە مەزمۇنىغا قۇلاق سېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئىلگىرى خوتەندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا، دائىرىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئىلگىرى يول قويغان بىر قىسىم ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئەمدىلىكتە خاتا دەپ چەكلەشكە ئۆتكەنلىكى، ئەمما نۆۋەتتە دىنىي زاتلارنى جازالىغاندا بۇرۇنقى ئىش ھەرىكەتلىرىمۇ يېڭى ئۆلچەمگە سېلىپ جازالاۋاتقانلىقى، نەتىجىدە قارىقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىن 60% دىنىي زاتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مەزكۇر ساقچى خادىمى بۇ دىنىي زاتلارنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسى ۋە ئاتۇش شەھىرىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى ۋە شۇ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز بۇ قىرغىز دىنىي زاتلارنىڭ قايسى لاگېرلاردا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاتۇشتىكى ئالاقىدار خادىملاردىن مەلۇمات سورىدۇق. مەلۇم بىر ئەدلىيە پونكىتى خادىمى ئاتۇش شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا 6 ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ئاتۇش شەھىرىدىكى نىسبەتەن چوڭراق لاگېرلارنىڭ كۇنشەن ۋە ئەرزان دېگەن جايدىكى لاگېرلار ئىكەنلىكىنى، چارلوڭدىن ئېلىپ كېلىنگەن قىرغىز دىنىي زاتلارنىڭ ئەنە شۇ ئىككى لاگېردا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دىنىي زاتلار، ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى قاتتىق زەربە دولقۇنلىرى باشلانغاندىن بۇيان، زەربىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. يىغىۋېلىش لاگېرى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ھەتتا بەزى جايلاردا، دىنىي زاتلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسىنىڭلا لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى، بىر قىسىم مۇراسىملارنىڭ يېتەكچىسىز قالغانلىقى ئاشكارىلانغان.