«يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قايتا تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ تەدرىجىي ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك خەۋەر ماقالىسىدىن قارىغاندا، لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان مىڭلارچە كىشى ھازىر شۇ لاگېر ئىچىدە ياكى لاگېرغا يېقىن جايلارغا سېلىنىۋاتقان زور كۆلەملىك زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتىكەن. كۆزەتكۈچىلەر لاگېر تۈزۈمىنىڭ يەنىمۇ خەتەرلىك تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا قامىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ھەر كۈنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىيناشقا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ لاگېرلار ھەققىدە يەنە بىر يېڭى خەۋەر تارقالدى. ئۇ بولسىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىدۇر. دۇنيادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ۋە «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىقلار ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ئىچىدە ياكى لاگېرغا يېقىن جايلاردا زور كۆلەملىك زاۋۇت-كارخانىلارنى سېلىش ئارقىلىق تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئەمگەككە سالماقتىكەن. تۇتقۇنلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا ئىشلەشنى رەت قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلار، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت ۋە خىتاينىڭ خەۋەر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بەزى خەۋەر شۇنداقلا خىتاي تور بەتلىرىدە زاۋۇتنىڭ ئادرېسىغا ئائىت تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يېقىنقى ئايلاردىن بېرى بۇنداق زاۋۇت-فابرىكىلارنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەندە كۆپەيگەنلىكىنى بايقىغان. مەزكۇر گېزىت ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ زاۋۇتلارنىڭ كۆپى كىيىم-كېچەك فابرىكىلىرى ئىكەن، بۇ يەردە تۇتقۇنلار ئېيىغا 600 يۈەن ئەتراپىدا ئىنتايىن تۆۋەن مائاش بىلەن ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئاساسەن كىيىم-كېچەك فابرىكىلىرى بولغان بۇ زاۋۇتلارنى كىشىلەر ئادەتتە «قارا زاۋۇت» دەپ ئاتايدىكەن. بۇلارنىڭ بۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ناچار شارائىتى ۋە تۆۋەن مائاشلىق بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىن كېلىۋاتقان تەنقىدلەرگە قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىش ھەم شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى مالىيە بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئىككى چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى قۇرغان بولۇپ، خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا 8 ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇرۇلغان. ئۇلار، ئاساسلىق ئاياق ئىشلەپچىقىرىش، يانفون قۇراشتۇرۇش، چاي قاچىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كەسىپلەشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى نەتىجىسىدە 2015-يىلى «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» دەيدىغان تۈزۈمىنى ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يېڭى بىر تۈرىنى كەشىپ قىلىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئامېرىكىدىكى «دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جون كام «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «بۇ ۋەزىيەتنى سۇيىئىستېمال قىلىپ پايدا قوغلىشىۋاتقان تىجارەتچىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ» دېگەن.

دەرۋەقە، «نيۇ-يورك ۋاقتى» نىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى «بادجېر تەنھەرىكەت كىيىملىرى» شىركىتى خوتەندىكى «تەيدا» دەيدىغان بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىملەرنى كىرگۈزگەن. «تەيدا شىركىتى» دەل خىتاينىڭ دۆلەت قانىلىدا مەخسۇس مۇشۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەش» مەركەزلىرىدە تەربىيەلىنىپ چىققان «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان زاۋۇت ئىكەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى شىركەت دائىرىلىرى بىلەن ئەھۋال توغرىسىدا ئالاقىلەشكەن. شىركەتنىڭ باياناتچىسى سېس لېننون ئۆزلىرىنىڭ خوتەندىكى بۇ زاۋۇت بىلەن تېخى يېقىندا ئالاقە قىلىپ، دەسلەپتە ئاز مىقداردا مال كىرگۈزگەنلىكىنى، بۇ شىركەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن تولۇق مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتقان. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋ خانىم بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋالغا قەتئىي خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «ئامېرىكا ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى قەتئىي چەكلەش ھەققىدە قاتتىق قانۇن-تۈزۈملەر بار. شۇڭا خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر شىركەت ئۆزلىرىنى مال كىرگۈزۈۋاتقان بۇ مەنبەلەرنىڭ قانداق شىركەت ئىكەنلىكىنى ئوبدان تەكشۈرۈپ، ئامېرىكا قانۇنلىرىغا خىلاپلىق ئەھۋاللارنى سادىر قىلىشتىن ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يانتاياق بولۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك» دېدى.

دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى باشلىقى جون كام ئەپەندىمۇ گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى پارچە ساتقۇچى شىركەتلەرگە چوقۇم بۇ مەسىلىدە مەلۇمات بېرىلىشى، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلار تەرىپىدىن ياسالغان ياكى تىكىلگەن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشنىڭ خەلقئارادا مەھبۇسلار ۋە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلار تەرىپىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ھەققىدە چىقىرىلغان قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك»، دەپ ئەسكەرتكەن.

خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» دا تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرۈپ» دىپلوملىرىنى قولىغا ئېلىپ، زاۋۇت-كارخانىلارغا ئىشقا چۈشكەنلىكىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىدى. 17-دېكابىر كۈنى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» ئاقسۇدىكى كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىن ئوقۇپ چىققانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھازىرغىچە 81 كارخانا بىلەن توختاملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، بۇ كارخانىلار بىلەن ئاقسۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ، كۇچا ۋە ئۇچتۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنى مەركەز قىلغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشلايدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق كەسپىي تەربىيە ۋە ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى، ھازىرغىچە 15840 كىشىنىڭ قوبۇل قىلىنىپ بولغانلىقىنى بايان قىلغان.