«بىر يىل تۆۋەنگە چۈشۈپ يېزا-كەنتلەردە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغان ئەڭ چوڭ تەسىراتىم شۇ بولدىكى، خىتاي يېزا سېكرېتارلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى يەرلىك خاقانلارغا ئايلىنىپتۇ!»
نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر سابىق ئۇيغۇر كادىر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆز بىلەن ئۆز بايانلىرىنى يەكۈنلىدى.
«گەرچە ئۇيغۇرلاردىن قويۇلغان يېزا باشلىقلىرى دەرىجە جەھەتتىن يېزىلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى بىلەن ئوخشاش دېيىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇق بولمايدىكەن،» دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئۇ، «تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ بىردەك تەسىراتى شۇ بولدىكى، خىتايلاردىن قويۇلغان يېزا سېكرېتارلىرىنىڭ بۇيرۇقىسىز يېزا تەۋەسىدە قىل تەۋرىمەيدىكەن. ئۇيغۇر بىرىنچى قول يېزا باشلىقلىرىنىڭ قولىدا مالىيە ۋە كادىرلار ھوقۇقى بولمايدىكەن، ئۇلار پەقەتلا دېھقانچىلىق ۋە مۇقىملىق قاتارلىق ئىشلارغا قويۇلىدىكەن. ھەرقانداق ئىشنى خىتاي سېكرېتار قارار قىلىدىكەن، يېزا باشلىقى پەقەت ئۇنى ئىجرا قىلىدىكەن، خالاس.»
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۆۋەنگە چۈشكەن بىر يىل جەريانىدا يەرلىك كادىرلارنىڭ ئېغىزىدىن مۇنداق گەپنى ئاڭلىدۇق. ‹ئەگەردە يېزا سېكرېتارلىقىغا قويۇلغان خەنزۇ كادىر بىر يىلدا 3 مىليون يۈەن شەخسىي كىرىم قىلالمىسا، سېكرىتارلىقتىن ۋاز كېچىدۇ.› بىز ئاساسىي قاتلامدا بىر يىل تۇرۇش جەريانىدا ئاندىن بۇ سۆزنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى چۈشەندۇق. مەسىلەن، ئۆزۈم يولۇققان بىر ئەمەلىي مىسالنى ئېيتسام، بىر كۈنى مەن تۇرغان كەنتتىكى 70 ياشتىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر دېھقان بىر خالتا دېھقانچىلىق دورىسىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەپتۇ. ئۇ بۇ دورىنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى شۇنداقلا بازاردىكى ئەمەلىي باھاسىنى ئېنىقلاپ بېرىشىمنى سورىدى. مەن دەرھال ئىنتېرنېت ئارقىلىق بۇ دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ بازاردا سېتىلىش باھاسىنىڭ 15 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. بوۋاي بۇنى ئۇقۇپ توۋا دېگىنىچە ياقىسىنى چىشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى كەنت سېكرېتارلىرى بىلەن ئەترەت باشلىقلىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇ دورىنىڭ بىر خالتىسىنى دېھقانلارغا 70-80 يۋەندىن مەجبۇرىي سېتىپتۇ. پۈتۈن ياز بويى دېھقانلار بۇنداق مەجبۇرىي تېڭىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن نەچچە ئون خىلنى ئېلىشقا زورلىنىدىكەن. كېيىن بىز ئاپتونوم رايوندىن چۈشكەن كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىنى يېزىلىق پارتكومنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدۇق. خىتاي سېكرېتار بىزدىن سەل چۆچىگەندەك بولۇپ شۇ يىغىننىڭ ئۆزىدىلا بۇندىن كېيىن دېھقانلارغا بۇنداق قىممەت باھادا دېھقانچىلىق دورىسى ساتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەتىسىلا قولىدىكى 3 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن خىمىيىۋى ئوغۇتلارنى مەلۇم بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئاڭلىشىمىزچە بىز كەتكەندىن كېيىن ئۇ بۇ دورىلارنى بۇرۇنقىدەك قىممەت باھادا ساتقانمىش. ئۇندىن باشقا بازار باھاسىدا بىر خالتىسى 100 يۋەندىن سېتىلىدىغان خىمىيىۋى ئوغۇتنى 150 يۋەندىن ساتقانلىقى ھەققىدە دېھقانلاردىن ئۇچۇر ئالدۇق. ھالبۇكى، بىزنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىشكە قۇربىمىز يەتمىدى. چۈنكى يېزا سېكرېتارىنىڭ كەينىدە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ناھىيەلىك پارتكوم سېكرېتارىنىڭ كەينىدە ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە بىزگە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ‹تۆۋەندىكى پۈتۈن خىزمىتىڭلار ئاساسىي قاتلام پارتكومىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ› دەپ ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۆۋەنگە چۈشۈپ ‹ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈش› دېگىنى پۈتۈنلەي قۇرۇق شۇئاردىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە ئۇيغۇر دېھقانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مۆلچەرلىگۈسىز قىيىنچىلىقلارنىڭ يىلتىزى، سەۋەبلىرى ھەمدە ئۇنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.