ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى 2014-يىلى خىتاي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن چوڭ ۋەقەلەر دەپ قارالدى

0:00 / 0:00

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان 2014-يىلدىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە خىتاي سىياسىتى ھەققىدىكى ئانالىزلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى 2014-يىلى خىتاي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقەلەر ئىچىدە ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «2014-يىلى ۋە خىتايدىكى زور ۋەقەلەر» ناملىق ماقالە ئەنە شۇ خىل ئانالىزلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى يېقىندا ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىدە، خىتاينىڭ يېڭى رەئىسى شى جىڭپىڭ تەختكە چىققان 2-يىلى يەنى 2014-يىلى خىتاي تارىخىدا خىتاي ۋەزىيىتى ھەتتا دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان زور ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ماقالىدە 2014-يىلى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن «1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى»، «30 -ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە پارتلىتىش ۋەقەسى»، «22 -ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش پىچاقلىق ھۇجۇمى»، «28 -ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى»، «30 -ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى» قاتارلىقلار خىتايدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر قاتارىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە مەخسۇس مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.

ماقالىدە بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيەتنى ئىسپاتلىغانلىقى تەكىتلەندى.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگىچە كېڭەيگەنلىكى، «ئەگەر 2009-يىلىدىكى ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› كىشىلەرگە خىتاينىڭ غەربىدىكى بۇ زېمىندا زوراۋانلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سايىسىنى كۆرسەتكەن بولسا، ئۇ ھالدا 2014-يىلى 1-مارت كۈنى يۈز بەرگەن «كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئادەم چاناش ۋەقەسى» بۇ خىل زوراۋانلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي زېمىنىغا كېڭەيگەنلىكىدىن ئىبارەت ۋەھىمىنى ھېس قىلدۇردى» دېگەن بايانلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە 2014-يىلى 31 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 141 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «كۈنمىڭ 1-مارت ۋەقەسى» نىڭ خىتايدىكى زوراۋانلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلىنىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى نەقىل ئېلىنىپ مۇلاھىزە قىلىنغان. بۇ مۇلاھىزىلەردە: «1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي تاراتقۇلىرىدا ‹تېررورلۇق ھۇجۇمى› دېگەن ئىبارىلەر كۆپەيدى. رەئىس شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ قايتىش ھارپىسىدا، 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يەنە زوراۋانلىق قارشىلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 ئادەم ئۆلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت، مائارىپ، دىنىي ئېتىقاد، ۋە ئىقتىسادى سىياسىتىدە بۇ يەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە يان باسقانلىقى، يەرلىكلەرنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىشى قاتارلىقلار بۇ زېمىندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە» دېيىلگەن.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى رايون ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدە «بۇلتۇر 5-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭدا يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلدى. شى جىنپىڭنىڭ ‹بىر يىلغا سوزۇلغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش› چاقىرىقى بىلەن باشلانغان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدە، شىنجاڭدا ھەرقايسى سوت مەھكىمىلىرى ‹ئوچۇق سوت› نامىدا، بىر قاتار زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قاتناشقانلار ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى رايوندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەسىرىدىن يۈز بەردى› دەپ ئېلان قىلدى. شى جىنپىڭ ‹تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش› نى تەكىتلىدى. دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش نامىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈزىنى ياپقان ئاياللار، ساقال قويغان ئەرلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشى چەكلەندى، بالىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىشىغىچە چەكلەندى. بۇ خىل زىيادە قاتتىق چەكلىمىلەر رايوندىكى قارشىلىشىش كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. نەتىجىدە روزا ھېيت مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ‹28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى›، ‹30-ئىيۇل قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى ئىمامىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى› قاتارلىق قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى. كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە مايىل ئىمامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ كومپارتىيە بىلەن بىر لىنىيىدىكى دىنىي ئۆلىماغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى، دەپ قارىماقتا» دېگەندەك مۇلاھىزىلەر بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگىمۇ چەكلىمە قويۇلۇشى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە 2014-يىلى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىگە ۋە خەلقئارا تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن زور ۋەقەلەر قاتارىدا يەنە 239 نەپەر خىتاي يولۇچى ئولتۇرغان مالايشىيا ئايروپىلانىنىڭ 8-مارت كۈنى سىرلىق غايىب بولۇش ۋەقەسى، 2014-يىلى 26-سېنتەبىر باشلىنىپ 12-ئايدا ئاياغلاشقان ‹خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىك سايلام تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى›، شى جىنپىڭ باشلىغان ‹چىرىكلىككە زەربە بېرىش› ھەرىكىتى، 10-ئايدا خىتايدا ئېچىلغان ‹ئاسىيا تېچ ئوكيان ئالىي رەھبەرلەر ئىقتىسادىي ئۇچرىشىش يىغىنى› مەزگىلىدە سۈنئىي يارىتىلغان بېيجىڭنىڭ ‹كۆك ئاسمىنى›، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭدىن كېيىنكى يەنە بىر داھى بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ‹شى دادا پېڭ مامانى سۆيىدۇ› ناملىق ناخشا قاتارلىقلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.