9-مارت پۇرچاقچى ۋەقەسىدىن قاچقان پىدائىيلارنىڭ تېخى تۇتۇلمىغانلىقى ۋە ئاھالە تەۋەلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.03.19
qeshqer-saqchi-herbiy-uyghur-qarshiliq.jpg كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-مارت، قەشقەر.
Imaginechina

مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزا جۈمەبازار كەنتىدە 7 نەپەر پىدائىي بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ساقچى ۋە ئىككى نەپەر پىدائىي ئۆلگەن، ئىككى نەپەر پىدائىي ئەسىر چۈشكەن، 3 نەپەر پىدائىي قېچىپ كەتكەن ئىدى.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن پۇرچاقچىغا قايتا تېلېفون قىلىپ مەزكۇر 3 پىدائىينىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، ئارىدىن نەق 10 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى تۇتۇلمىغان، ئۇلارنى ئىزدەش ئوپېراتسىيەسى ئىزچىل ھالدا داۋام قىلىنماقتا. بۈگۈن يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، پىدائىيلارنىڭ بىر قىسمى خوتەن ناۋاغدىن، يەنە بىر قىسمى قاراقاش ماڭلايدىن بولۇپ، ئۇلار پۇرچاقچىنىڭ جۈمە بازىرىدىكى شەربەت تاماقخانىسىدا ئۇچراشقان مەزگىلىدە پېيىغا چۈشكەن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن مەزكۇر توقۇنۇش كېلىپ چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ ۋەقەنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىغا بېرىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پىدائىيلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ۋەقەنى ئاھالىلەرگە قىسمەن ھالدا ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغان.

يۇقىرىقىلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، پىدائىيلار خوتەن شەھىرىنىڭ ناۋاغ ۋە قاراقاشنىڭ ماڭلاي تەۋەلىكىدىن. خوتەن ناۋاغدا 2011‏-يىلى 18-ئىيۇل كۈنى 18 نەپەر پىدائىي ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان. رادىئويىمىزنىڭ «ھۇجۇمچىلار ناۋاغ ساقچىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىگە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى قادىغان» ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 4 كىشى ئۆلگەن، پىدائىيلاردىن 14 نەپىرى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 4 نەپىرى ئەسىرى چۈشكەنلىكى بايان قىلىنغان. پىدائىيلار شۇ كۈنى ساقچىخانا ئۆگزىسىگە چىقىپ خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايرىقىنى قادىغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى مەسچىتلەردە بايراق چىقىرىش ۋە مېھراپقا بايراق ئېسىش قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان تۈزۈم ۋە ئىجرائاتلارنى يولغا قويغان.

رادىئويىمىزنىڭ «خوتەن ماڭلايدا بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى 5 نەپەر خادىم ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن» ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە بېرىلىشىچە، بۇلتۇر 5-ئايدا قاراقاشنىڭ ماڭلاي يېزىسىدا پىدائىيلارنىڭ بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئوت قويۇپ، 5 نەپەر ساقچى ۋە ئامانلىق خادىمىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە ھۇجۇمچىلار تۇتۇلمىغان ئىدى. بۇ قېتىم پۇرچاقچىدا ئۆز-ئارا ئۇچراشقان بۇ پىدائىيلارنىڭ يۇقىرىقى ئىككى ۋەقە بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.