مائارىپ ئىدارىسىگە ئوغرىلىقچە كىرىپ مىللىي تەڭسىزلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇنيادا زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتنىڭ ئېتىش، چېپىش ۋە پارتلىتىشتىن باشقا يۈزلەرچە شەكلى بارلىقىنى دەۋرلەردىن بېرى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. 82 ياشلىق رابىيخان مۇسا ئانىنىڭ پاسپورت چەكلىمىسى ھەققىدە دۇنياغا مۇراجىئىتى، 3 ياشلىق ئوغۇلنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە بازار باشقۇرغۇچىلىرىغا قارشى ئىسيانى بۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى مىساللىرى بولسا¡ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كۇچالىق قىز ئارزۇ نۇرمەمەتنىڭ، ئون يىلنىڭ ئالدىدا يەنى 12 ياش ۋاقتىدا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى ئاستىدىن ئۆمىلەپ كىرىپ، ناھىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېلىنماسلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىشىمۇ ئەنە شۇ، تىنچ قارشىلىقنىڭ يەنە بىر مىسالىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئەنە شۇ مىسالنىڭ ئەينى چاغدىكى بالا قەھرىمانى ئارزۇ نۇرمەمەت ۋە بۇ خىل قارشىلىقنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي سەۋەبى ھەققىدە كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.