خۇدسون مەركىزىدە «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ساقچى دۆلىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارغانسېرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭلا ئەمەس، يەنە مەزكۇر رايون ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاپتونوم رايون» تەسىس قىلغان ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر قاتتىق سىياسىي كونتروللۇقنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا ماس ھالدا نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىنساننى شۈركەندۈرگىدەك مىللىي زۇلۇم ئايرىمىچىلىقى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كونتروللۇقنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك پۈتكۈل رايوننىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلانغانلىقى ھەرقاچان ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يازمىلىرىدا تەكىتلىنىپ كەلمەكتە. مانا مۇشۇ ئەھۋاللار ھەققىدە نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش مەقسىتىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خۇدسون مەركىزى 4-ماي كۈنى بىر قىسىم شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى ئېلاندا نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىدا غايەت زور ساقچىلار قوشۇنىنىڭ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلگەنلىكى، شۇنداقلا بەش پىرسەنتتىن ئون پىرسەنتكىچە بولغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇشى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

بۈگۈنكى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى، خۇدسون مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېرىك براۋن يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئالدى بىلەن بۈگۈنكى يىغىننىڭ 4-ماي كۈنى چاقىرىلىشىنىڭ بەزى تارىخىي ۋەقەلەرگە ئۇدۇل كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ساقچى دۆلىتى» بەرپا بولۇشى ھەققىدىكى مۇھاكىمە بولۇۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتىن 99 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە باشقا شەھەرلىرىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆلەملىك نامايىش قىلىپ جاھانگىرلىككە، تەڭسىز ئىقتىساد ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە قارشى تۇرغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن بۇ يىغىننىڭ چاقىرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ مەسىلىلەر 1949-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردۇر» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكىدىكى جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى، ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدىكى مول ھوسۇللۇق ئەمگەكلەرنىڭ ئاپتورى جېيمىس مىلۋارد ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئالىملىرىنىڭ ھەرقاچان «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەيدىغان ئىبارىلەر ئارقىلىق سۆز باشلايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇنداق شەكىلدە سۆزلىمەيدىغانلىقىنى، بۇنداق دەيدىغانغا ۋاقتىنىڭمۇ يوقلۇقىنى ئېيتىپ يىغىن زالىدىكى ئومۇمىي كەيپىياتنى يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا كۆتۈردى.

ئاندىن پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد ئۆزىنىڭ بۈگۈنچە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى قانداق شەكىلدە چۈشىنىش لازىملىقى توغرىلىق سۆزلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا غايەت زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دىنىغا قارشى «ئىسلام ۋەھىمىسى» شەكلىدىكى بىر زور ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە مەنئى قىلىنىشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى، بۇلارغا ماس ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ بىردەك باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى سىياسىي لاگېرلار ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك «تېررورلۇق تەھدىتلىرى» نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن نەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئايرىم شەخسلەرنىڭ كىچىك كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى نۆۋەتتىكى غايەت زور كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورى رايان سام سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتە بىر مىليونغىچە ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا بولسا ھاراق-تاماكا ئىستېمالى، ئۇيغۇر تۇرمۇش ئادەتلىرى، «گۇمانلىق» كىشىلەردىن كەلگەن تېلېفوننى ئېلىپ سالغانلىقى، چەتئەلگە چىققانلىقى دېگەندەك «تۈكى يوق» ئىشلارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىر ياكى بىرنەچچىدىن كىشى مۇشۇ خىلدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالمىغان ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ قالمىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى يىغىندا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەردىن يەنە ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك، «دۇنيا خرىستىئانلار ئىتتىپاقى» نىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خادىمى لۇيىزا گرېۋ قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ساقچى دۆلىتى» بەرپا قىلىپ چىقىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللار، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھاياتىغا قانداق سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭغا خەلقئارا دۇنيانىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى لازىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىنغا ئاڭلىغۇچى بولۇپ قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئۆمەر قانات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەر مۇشۇ يوسۇندا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغۇدەك بىر ھالغا يېتىۋاتقاندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش، شۇ ئارقىلىق خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى، شۇنىڭدەك ھەر ساھەدىن كەلگەن يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! بۈگۈنكى يىغىننىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا بولسۇن.